ئەگەر قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، باش قىسمى «يالغان سۆزلىمەيدۇ»، ئەگەر سىز يېقىندا بېشىڭىزنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىزنىڭ غۇۋالىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا تۇرۇپ-تۇرۇپ بېشىڭىزنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز، بۇ ھەرگىز خىزمەت بېسىمىدىنلا بولغان ئەمەس.
قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەمەلىيەتتە قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ چوڭ مېڭىدىكى قان تومۇر مەسىلىلىرىگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. باش قىسمى بەدەننىڭ «قوماندانلىق مەركىزى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، قان تومۇردا مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان، نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىق «قۇتقۇزۇش» سىگنالى تارقىتىدۇ. ئەگەر بۇ سىگناللارغا سەل قارالسا، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.
ئۇنداقتا، قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، باش قىسمىدا قانداق روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئالتە خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، چوقۇم بالدۇرراق تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كېچىكىپ قېلىشىدىن ساقلىنىڭ.
بىرىنچى، دائىم باش ئاغرىش، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان باش ئاغرىش. نۇرغۇن كىشىلەر باش ئاغرىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دائىم چارچاش ياكى بېسىم ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ. ئەمما باش ئاغرىقى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتتىق ئاغرىق بولسا ياكى باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
چۈنكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، مېڭىگە قان يېتىشمەي، نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، قاتتىق ئاغرىق سېزىمى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتە بېشى ناھايىتى ئاز ئاغرىيدىغان كىشىلەردە تۇيۇقسىز سەۋەبى ئېنىق بولمىغان قاتتىق باش ئاغرىقى كۆرۈلسە، قان تومۇردىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۇيۇقسىز غۇۋالىشىش ياكى ۋاقىتلىق كۆرمەس بولۇپ قېلىش. كۆز بىزنىڭ تاشقى دۇنيانى سېزىشىمىزدىكى كۆزنەك، ئۇنىڭ نورمال ھەرىكىتى يېتەرلىك قان بىلەن تەمىنلەشكە تايىنىدۇ. ئەگەر مېڭىدىكى قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، بولۇپمۇ كۆرۈش سېزىمى مەركىزىنى تەمىنلەيدىغان قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەردە كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، دائىم كۆز چارچاش ياكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئېغىرلىشىپ كېتىش دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ مېڭە قان تومۇر مەسىلىسىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بەزىدە ھەتتا ۋاقىتلىق قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئادەتتە قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، تېخىمۇ ئېغىر سەكتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن تىل توسالغۇسى ياكى گەپ-سۆزى ئېنىق بولماسلىق. قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تىل ئىقتىدارىنى كونترول قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تۇيۇقسىز تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولۇش، تىلى كالۋالىشىش، ھەتتا بىر ئېغىز گەپنى تولۇق دېيەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالنى پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق «مېڭە توسۇلۇش» دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ بەلكىم قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك (TIA)نىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. TIA بىر خىل يېنىك دەرىجىدىكى سەكتە بولۇپ، گەرچە كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى تېزلا يوقالسىمۇ، لېكىن ئۇ مېڭە سەكتىسىنىڭ مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، مېڭە قان تومۇرىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۆتىنچى، تۇيۇقسىز پۇت-قول ئۇيۇشۇش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش. مېڭىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى يەنە پۇت-قوللارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆپىنچە بىر مۈچىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى ياكى ماغدۇرسىزلىنىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
ئەگەر سىز تۇيۇقسىز بىر قولىڭىز ياكى بىر پۇتىڭىزنىڭ كۈچسىز بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەتتا نورمال كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىڭىزنى ياكى ماڭالمايدىغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، بۇ بەلكىم مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان نېرۋا ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ھاللاردا سەكتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چوقۇم دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. بولۇپمۇ باش ئاغرىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەسىلىسى ياكى تىل توسالغۇسى قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ سەكتىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى، تۇيۇقسىز باش قېيىش ياكى تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى قالايمىقانلىشىش. باش قېيىشمۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. ئۆرە تۇرغاندا ياكى ماڭغاندا، تۇيۇقسىز يەر-جاھاننىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز، ھەتتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالمايسىز، بۇ بەلكىم قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان كىچىك مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
كىچىك مېڭە بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ماسلىشىشىغا مەسئۇل رايون بولۇپ، قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىسا، باش قېيىش، باش چۆرگىلەش، پۇت-قولى يېنىك بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل باش قېيىش دائىم يۈز بەرسە، بولۇپمۇ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، مېڭە قان تومۇر مەسىلىسىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
ئالتىنچى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ياكى بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ، لېكىن ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتسە، ھەتتا بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسا، بۇ مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇشى بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئۇزۇن مۇددەت مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان تومۇر خاراكتېرلىك دېۋەڭلىك كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ياشانغانلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن بەزى ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن بالدۇر پەيدا بولىدۇ.
قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، بولۇپمۇ مېڭىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى نېمە ئۈچۈن شۇنچە خەتەرلىك؟ مېڭە ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نورمال خىزمىتى مۇقىم قان بىلەن تەمىنلەشكە تايىنىدۇ. قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغان ھامان، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆلۈپ كېتىپ، قايتا ھاسىل بولالمايدۇ.
شۇڭلاشقا سەكتە دائىم بەدەننىڭ مەڭگۈلۈك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ بېشارىتى كۆپ ھاللاردا ناھايىتى يوشۇرۇن بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئېغىر سەكتە ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرگەندە، ئاندىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
1. ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش كېرەك. قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر خولېستېرىن ۋە قاندىكى ماي مىقدارىنى كونترول قىلىش. قاندىكى ماي مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قان تومۇر دىۋارىغا تىنىپ قېلىپ، داغ پەيدا قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، دانلىق زىرائەت قاتارلىق يېمەكلىك تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتكەندە، قان تومۇرلارنى تازىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
2. قانۇنىيەتلىك ھەرىكەتنى ساقلاش. ھەرىكەت قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۈرەك ـ ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال كۈچلۈكلۈكتىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار قاندىكى ماي مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇر داغلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم. سېمىزلىك قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىكى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى، زىيادە كۆپ بەدەندىكى ماي قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى تېزلىتىدۇ. مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغاندا، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.
تاماكا تاشلاپ ھاراققا چەك قويۇشمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى. تاماكا چېكىش قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش بەدەننىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاندىكى ماي مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، تاماكا تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشمۇ قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاستە. قان بېسىمى، قاندىكى ماي، قان شېكىرى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق، يوشۇرۇن قان تومۇر مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاكتىپ داۋالاش ۋە كونترول قىلىش، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ قان تومۇر ساغلاملىقىغا يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |