توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇرمۇشتا، بەزى كىشىلەردە دائىم مېڭە قان تومۇرى ياكى يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش يۈز بېرىدۇ، لېكىن ئۆزى بايقىيالمايدۇ. قان تومۇر توسۇلۇش ئېغىر بولۇپ، يېرىم پالەچ، سۆزلىيەلمەسلىك ياكى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ئاندىن دوختۇرخانىدا داۋالىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا داۋالاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسى قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ قان تومۇر توسۇلۇشنى ۋاقتىدا بايقىشىغا پايدىلىق.
ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى
1. كۆكرەك ئاغرىش
قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى كۆكرەكنىڭ مەركىزىي رايونىدا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ، ئاغرىق مۈرە، بىلەك ياكى ئېڭەككىچە تارقىلىدۇ. بۇ خىل ئاغرىق ئادەتتە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ياكى نېكروزلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. نەپەس قىيىنلىشىش
يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش ئۆپكىگە قان تولۇش ۋە سۇيۇقلۇق يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نەپەس ئېلىشتا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ، بىمار تۇنجۇقۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ياكى كۈچەپ نەپەس ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. يۈرەك سېلىش
يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش يۈز بەرگەندە، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ، قان ئايلىنىشنىڭ ئازىيىشىنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك سېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بىئاراملىق بەلكىم يۈرەك سوقۇشى تېز، تەرتىپسىز ياكى كۈچلۈك سوقۇش دەپ تەسۋىرلىنىشى مۇمكىن.
4. ھوشىدىن كېتىش
يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىگە يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھوشىدىن كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئايلىنىپ كېتىش دائىم ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرغان ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ.
5. تۆۋەنكى مۈچە سۇلۇق ئىششىقى
يۈرەك قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قالسا، ۋېنا تومۇرلىرىنىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۆۋەنكى مۈچە توقۇلمىلىرى ئارىسىدىكى بوشلۇقتا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. سۇلۇق ئىششىق ئادەتتە ئوشۇق، پاقالچاق قاتارلىق تۆۋەنگە ساڭگىلايدىغان ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
6. تېرە ئاقىرىش
قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، قان ئايلىنىش راۋان بولماي، تېرە يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرە ئاقىرىپ كېتىدۇ. تېرە ئاقىرىش تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن بىللە بولۇشى مۇمكىن، تېرىگە تەگكەندە نورمال ئورۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ سوغۇق ھېس قىلىدۇ.
7. پۇت-قول ئۇيۇشۇش
پۇت-قول ئۇيۇشۇش نېرۋىنىڭ بېسىلىشى ياكى قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، قان تومۇردا توسۇلۇش كۆرۈلگەندە، ئەتراپتىكى نېرۋىلارنى بېسىۋېلىپ، سېزىمنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇيۇشۇش ئادەتتە تۆۋەنكى مۈچىدە كۆرۈلىدۇ، بەلكىم سانجىپ ئاغرىش ياكى يىڭنە سانجىش سېزىمى بولۇشى مۇمكىن.
قان تومۇر توسۇلۇشقا قانداق دىئاگنوز قويۇش كېرەك
1) ئېلېكتروكاردىئوگرامما (ECG)
ئېلېكتروكاردىئوگرامما يۈرەك ئېلېكتىر سىگنالىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق يۈرەك ئىقتىدارى ۋە بىنورمال ئەھۋاللارنى باھالايدىغان تەكشۈرۈش. بىمار كارىۋاتتا تۈز ياتقاندا، دوختۇر كىچىك بىر پارچە چاپلاق پارچىسىنى كۆكرىكىگە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما ئاپپاراتىغا ئۇلايدۇ، ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ.
2) ئۇلترا ئاۋازلىق كاردىئوگرامما (TTE)
ئۇلترا ئاۋازلىق كاردىئوگرامما ئارقىلىق ئاۋاز دولقۇنى رېفلېكسى پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، يۈرەك قۇرۇلمىسى ۋە قان ئېقىش ھالىتىگە قارىتا جاراھەتسىز باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىمار ئوڭدىسىغا ياتقاندا ياكى ئولتۇرغاندا، دوختۇر يۇقىرى چاستوتىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق كۆكرەكنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنى سىيپاپ سۈرەت ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ.
3) تاجسىمان ئارتېرىيەنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش (CA)
تاجسىمان ئارتېرىيەنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىشتا X نۇرىدا رېنتگېندە ئالاھىدە ياسالغان ئۆتكۈزگۈچ نەيچىنى ئائورتاغا كىرگۈزۈپ تاجىسىمان ئارتېرىيە ئېغىزىغا يەتكۈزىدۇ، يود تەركىبلىك سايىلەندۈرۈش دورىسىنى ئوكۇل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ پارچە سۈرەت تارتىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىش دەرىجىسى ۋە تارقىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
4) CT قان تومۇر سايىلەندۈرۈش ئوپىراتسىيىسى (CTA)
CT قان تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش بىر خىل جاراھەتسىز دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى بولۇپ، چوڭ قان تومۇر ۋە ئۇنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. بىمار CT كارىۋىتىدا دۈم يېتىپ، رادىياتسىيە مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان تەسۋىر چۈشۈرگۈچنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە تېز سۈرئەتتە بىر ئايلىنىپ، ئۈچ ئۆلچەملىك قايتا قۇرۇش سۈرىتىگە ئېرىشىدۇ.
5) ماگنىتلىق رېزونانس قان تومۇر تەسۋىر ھاسىل قىلىش (MRA)
MRI ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ قان تومۇرلاردا تارىيىش ياكى باشقا نورمالسىزلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى باھالىغىلى بولىدۇ. بىمار مەخسۇس كارىۋاتتا يېتىپ يېپىق بوشلۇققا كىرگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پۈتۈن جەريان ئاخىرلاشقۇچە جىم تۇرىدۇ.
تۇرمۇشتا، ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |