ئادەم بەدىنى ھەقىقەتەن سىرلىق، ئاچچىقلانغان ۋاقتىمىزدا بىئارام بولغاندا، ئاشقازانمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىئارام بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشقازاننىڭ ئادەم بەدىنىدە زادى قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، ئاشقازاننىڭ رولى ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىش، ئارىلاشتۇرۇش، يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئۇ بەدىنىمىزدىكى «يېمەكلىك يۆتكەش زاۋۇتى»غا تېخىمۇ ئوخشايدۇ.
ئاشقازان ئۈستۈنكى قورساق قىسمىنىڭ قىيپاش سول تەرىپىدە بولۇپ، ئۈستۈنكى قىسمى قىزىلئۆڭگەچ بىلەن تۇتىشىدۇ (يېمەكلىك قوبۇل قىلىدۇ)، ئاستىنقى قىسمى ئۈچەي يولى بىلەن تۇتىشىدۇ (ئون ئىككى بارماق ئۈچەي، كاۋاك ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي قاتارلىقلار)، ھەر كۈنى يېمەكلىكنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە توشۇيدۇ.
ئادەتتە، يېمەكلىك ئاشقازاندا تۆت سائەتكە يېقىن تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن داۋاملىق تۆۋەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
لېكىن، ئادەم بەدىنىدىكى ئاشقازاننى ئىدارە قىلىدىغان نېرۋىلارنىڭ سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىدىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىسى بار بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزا نېرۋا سىستېمىسى (يەنە ئاۋتونومىك نېرۋا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ ئېڭىمىزنىڭ كونترول قىلىشىغا موھتاج ئەمەس)غا تەۋە ئۇلار خۇددى ئاشقازاندىن ئىبارەت بۇ «ئۇلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى»نىڭ ئىككى نۆۋەتچى كۆزەتچىسىگە ئوخشاش، ھەر قايسىسى ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارى ۋە پائالىيىتىنى باشقۇرىدۇ.
بىز ھاياجانلانغاندا (مەسىلەن، ئاچچىقلىنىش، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش)، ئادەم بەدىنىنىڭ سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى داۋاملىق ھاياجانلىنىدۇ. بۇ خىل ھاياجانلىنىش ھالىتىدە، ئاشقازىنىمىز تارىيىش دېگەن بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى تۆۋەنلەپ، ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ، ھەزىم قىلىشىمىز ناچارلىشىپ، يېمەك-ئىچمىكىمىز ياخشى بولماي، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشقازان مۇسكۇللىرى ئۈزلۈكسىز قىسقىراپ، بىر كاللەك بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا سپازمىلىنىش يۈز بېرىپ، ئاشقازان سپازمىلىنىش خاراكتېرلىك ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
شۇڭا، ئاچچىقلانغاندا، جىددىيلەشكەندە، تەشۋىشلەنگەندە، چۈشكۈنلەشكەندە، ئادەم يىغلاشتىن بۇرۇن، ئاشقازىنىمىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىپ، ياشلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتتى. يا تاماق يېمەسلىك، يا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، يا ۋاقتىدا تاماق يېمەسلىك، ياكى كېچىچە تۈنەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نازۇك، سەزگۈر ئاشقازانغا غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ياشلارنىڭ ئاشقازىنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى.
قانداق قىلغاندا ئاشقازىنىڭىزنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ؟
كەيپىياتنى تەڭشەپ، تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۇزاق مۇددەت تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى داۋاملىق جانلىنىپ، ئاشقازان جىددىي قىسقىراپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى ۋە ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ئازىيىپ، ئاشقازانغا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۆزىگە پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، مەسىلەن، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، چوڭقۇر خىيال سۈرۈش، يوگا ھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كۆڭۈلسىز كەيپىياتنى تۈگىتىش كېرەك، ئەگەر زۆرۈر بولسا،، پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
تاماقنى ۋاقتىدا، قانۇنىيەتلىك يېيىش، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۇزاق ۋاقىت تاماق يېمىگەندە، ئاشقازان بەك ئۇزۇن بوشاپ كېتىدۇ، ئاشقازاندىكى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى چىرىيدۇ-دە، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.
ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىش، چوڭ يەپ-ئىچىش ئوخشاشلا ئاشقازىنىڭىزنى زەخىملەندۈرىدۇ.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماقنى كۆپ يېيىش ئۇيقۇغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازاننى كېچىچە خىزمەت ھالىتىدە ساقلىغاچقا، ئاشقازان «بەك چارچاپ كېتىدۇ».
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |