خەلق ئارىسىدا «ئون ئادەمنىڭ توققۇزىدا ئاشقازان كېسىلى بار» دەيدىغان گەپ بار، كۈتۈنۈش ئۇستىلىرىنىڭ ئاشقازاننى قانداق ئاسرايدىغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. ھەر ۋاقلىق تاماقنى سەككىز ئۈلۈش تويۇنغۇچە يېيىش
ھەر ۋاقلىق تاماقنى بەك تويۇنۇپ يېمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىمۇ قان ۋە قۇۋۋەتنى خورىتىدۇ، بەك تويۇپ كەتسە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېگەن نەرسىلەرمۇ تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ.
شۇڭا ھەر ۋاقلىق تاماقنى بەك تويۇپ كەتمەسلىك كېرەك، %80 تويۇش ئەڭ ياخشى ھالەت. زىيادە كۆپ يېمەكلىك پەقەت تال ۋە ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەدەنگە ئەخلەت يىغىدۇ.
2. ئاستا چايناش مۇھىم ھالقا
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېز، تاماق يېيىشتە بەك ئالدىراش، ھەر بىر ئېغىز تاماقنى تولۇق چاينىمايدۇ.
ھەزىم قىلىش پۈتۈنلەي ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە تايىنىدۇ، ئاشقازان شىللىق پەردىسى خۇددى بىزنىڭ ئېغىز بوشلۇقىمىزنىڭ شىللىق پەردىسىگە ئوخشايدۇ، بىز سوغۇق، ئىسسىق، ئاچچىق، قاتتىق، چوڭ يېمەكلىكلەرنى يېگەندە بىۋاستە يۇتىۋەتسەك لۆمۈلدەش جەريانىدا شىللىق پەردىنى ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىتىدۇ. يېگەن تاماقنى ئىمكانقەدەر تولۇق چايناش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ تولۇق سۈمۈرۈلىدۇ.
3. سوغۇق ئىچىملىك تال ۋە ئاشقازاننىڭ قاتىلى
ئادەم سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ئاشقازاندىكى قان تومۇرلار تۇيۇقسىز قىسقىراپ، ئاشقازانغا كېرەكلىك قان ۋە قۇۋۋەت شىددەت بىلەن كۆپىيىدۇ، يۈرەك ۋە تال كۆپ مىقداردىكى قاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، دائىم مۇشۇنداق قىلغاندا تالنىڭ مۇسبەتلىكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ، يۈرەكمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
4. تاماقتىن كېيىن بىر سائەت تىنچ ئارام ئېلىش كېرەك
تاماقتىن كېيىن دەرھال كىتاب كۆرۈش، گېزىت كۆرۈش، تورغا چىقىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك، چۈنكى تاماقتىن كېيىن ئاشقازان يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك قان بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كىتاب كۆرۈپ تورغا چىقسا، قان چوڭ مېڭە ۋە كۆزگە مېڭىپ، ئاشقازاننىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى ئازىيىدۇ، يۈرەك بۇ ئەزالارغا تېخىمۇ كۆپ قاننى كۈچەپ شورايدۇ، زەنجىرسىمان رېئاكسىيە يۈرەك، مېڭە، كۆز، ئاشقازاننى بەك چارچىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان ۋە يۈرەك. شۇڭا تاماقتىن كېيىنكى بىر سائەت ئىچىدە بۇ ئىشلارنى قىلماڭ، بىر ئاز جىمجىت ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.
5. كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش كېرەك
كەچلىك تاماقنى ئىمكانقەدەر بالدۇر يېيىش، ھەمدە بەك تويۇپ كەتمەسلىك، مايسىزراق يېيىش كېرەك. ئەگەر تاماقنى كېچىكىپ يېسە، يەنە كېلىپ بەك تويۇپ كەتسە، ئاشقازانغا تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۇخلىغاندا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، ئاشقازان يېتەرلىك قان ۋە قۇۋۋەتكە ئېرىشەلمەي خىزمەت قىلىدۇ، ئاشقازاندا تېخى كۆپ مىقداردا ھەزىم بولمىغان يېمەكلىكلەر بولغاچقا، ئاشقازان تولۇق ئارام ئالالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆت سۇيۇقلۇقى ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا جىگەر، ئۆت سۇيۇقلۇقىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا ئاشقازان كېسىلى ۋە جىگەر، ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |