Discuz! Board

تېما: بۇ 4 خىل ئەھۋال بۆرەكنى ئەڭ زەخىملەندۈرىدۇ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: admin    ۋاقىت: 2025-1-8 21:42
تېما: بۇ 4 خىل ئەھۋال بۆرەكنى ئەڭ زەخىملەندۈرىدۇ

بۆرەك كېسىلى بىزدىن يىراق ئەمەس. ئېلىمىزنىڭ توغرا كەسمە يۈز ئېپىدېمىئولوگىيەلىك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ئارىسىدا سوزۇلما بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%10.8 بولۇپ، بىمار سانى 130 مىليوندىن ئاشقان، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكىگە بولغان تونۇش نىسبىتى ئاران%12.5 بولغان. شۇڭا، بىز ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، بۆرەك ساغلاملىقىنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم!

بۇ قىلمىشلار بۆرەككە ئەڭ زىيانلىق

1. تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش

يېمەكلىكتىكى تۇزنىڭ%95ى بۆرەك ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرىدۇ، تۇزنى كۆپ يېيىش خۇددى بۆرەكنى توختىماي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنگە ئوخشايدۇ، جاپادىن قورقمايدىغان بۆرەكمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يۇقىرى تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ئېلىپ كەلگەن ناترىينىڭ ساقلىنىشى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى بۆرەك شارچىلىرىنىڭ «ئۈچ يۇقىرى» (يۇقىرى بېسىم، يۇقىرى سۇ تولۇقلاش ۋە يۇقىرى سۈزۈش) ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

2. قالايمىقان دورا يېيىش

نۇرغۇن دورىلار بۆرەكتە ماددا ئالماشتۇرۇپ، سۈيدۈكتىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. دورىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش بۆرەككە بېسىم پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، غەربچە دورىلاردىكى ستېروئىدسىز ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى (ئاغرىق توختىتىش، قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ)، قىسمەن جۇڭيى دورىلىرى (مەسىلەن، ئارىستولوك كىسلاتا تەركىبى بار دورىلار) قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىسە، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شۇڭا، ئەگەر كېسەل بولۇپ قالساق، كېسەللىك ئەھۋالىغا ئۆزىمىز دىياگنوز قويۇپ، ئۆزىمىز دورا ئىچمەسلىكىمىز، ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال دوختۇردىن سوراپ، دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، قەرەللىك، مىقدارلىق دورا ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

3. دائىم تۈنەش

«تۈنەش جىگەرگە زىيانلىق» دېگەننى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق ۋاقىتتا بۆرەكمۇ ئۈن-تىنسىز زەخىملىنىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بىر قەدەر قىسقا بولغان ئۇخلاش ۋاقتى (ھەر بىر سائەتتە كېمىيىش) ۋە بىر قەدەر چوڭ بولغان ئۇيقۇ پارچىلىنىش (ھەر بىر%1 ئېشىش) نىڭ ھەممىسى eGFRنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن (eGFR بولسا بۆرەك شارچىلىرىنىڭ سۈزۈش نىسبىتى بولۇپ، بۆرەكنىڭ قاندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ بىرى). تۈنىگەندە، بۆرەكمۇ «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» كە مەجبۇر بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەت قىلغاندا، بۆرەك چارچاش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئاسانلا زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاساسىي كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ياخشى بولماسلىق

ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا، ئىككىلەمچى بۆرەك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ ئەھۋاللار بۆرەكتىن مەسىلە چىققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ

1) سۈيدۈكتىكى ئۆزگىرىش

سۈيدۈكنىڭ رەڭگى ۋە سۈيدۈك مىقدارىغا قارىغاندا، نورمال ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك سۈيدۈك مىقدارى تەخمىنەن 1000~2000 مىللىلىتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 مىللىلىتىر بولىدۇ، سۈيدۈك رەڭگى سۈزۈك، سۇس سېرىق ياكى سېرىق بولىدۇ. ئەگەر سۈيدۈك مىقدارى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولسا، ياكى كۆپۈكچە سۈيدۈك قاتارلىقلاردا رەڭ ئۆزگىرىشى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ھەممىسى بۆرەك كېسىلىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: ئاقسىل سىيىش دېگىنىمىز، بىمارنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئاقسىل مىقدارى 100mg/L ياكى 150mg/24hدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۆرەك كېسىلىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى . لېكىن ئادەتتە ئۆزى بايقاش ناھايىتى تەس، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقاشقا توغرا كېلىدۇ.

پۇراش: ئادەتتە، نورمال رەڭلىك، يېڭى سۈيدۈكنىڭ پۇرىقى بۇرۇننى سەل-پەل ئېچىشتۇرىدىغان ئاممىياك پۇرىقى بولىدۇ، لېكىن بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان ئاممىياك پۇرىقى ياكى سېسىق تۇخۇم پۇرىقى پەيدا بولسا، دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سېسىپ كەتكەن ئالما پۇرىقى بولسا، دىئابېت كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.

ھېس قىلىش: پات-پات سىيىش، جىددىي سىيىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، سىيىش قىيىن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار-يوقلۇقىنى ھېس قىلىش. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا داۋالانسا ئادەتتە چوڭ چاتاق چىقمايدۇ، لېكىن داۋالانمىسا، يۇقۇملىنىش بۆرەككىمۇ تارقىلىدۇ.

شۇڭا سۈيدۈك چىقىرىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

2) سۇلۇق ئىششىق

بۆرەك زەخىملىنىپ، ئىقتىدارى تولۇق بولماي، سۇنىڭ چىقىرىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، سۇ ئادەم بەدىنىدىكى بوش توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قالسا سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆز قاپىقى ۋە يۈز قىسمىدىكى سۇلۇق ئىششىق، چۈشتىن كېيىن پەسىيىدۇ، چارچىغاندا ئېغىرلاپ، ئارام ئالغاندا يېنىكلەيدۇ. ئېغىر بولغاندا يوتا، پاقالچاق، ئوشۇق، بەل قاتارلىق ئىككى تەرەپتە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، بىر باسسا بىر ئورەك پەيدا بولىدۇ.

3) پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش

بۆرەك كېسىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەندە توكسىن يىغىلىپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، بىمارنىڭ زېھنىي كۈچى ئاجىزلىشىپ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ، ئۇيقۇسى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ پۇت-قولى تېلىپ، بېلى تېلىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىدۇ.

4) قان بېسىمى، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش

قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش. ئەگەر قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ياكى دائىم داۋالغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىسا، ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمىسا، يەنە كېلىپ سەۋەبىنى تاپالمىسا، كۆپرەك دىققەت قىلىپ، بۆرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىيابېت كېسىلى بار كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت قان شېكىرى يۇقىرى ھالەتتە تۇرسا، دىيابېت كېسىلى بۆرەك كېسىلى (DN) نىڭ پەيدا بولۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىنىڭ قان شېكىرى ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىش كېرەك.







خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) Powered by Discuz! X3.3