بىلەك تىرەكسىز ئەھۋالدا قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە سەل يۇقىرى چىقىپ قالىدۇ
手臂无支撑测血压会虚高
قان بېسىمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچەملىك ئۇسۇلى شۇكى، ئالدى بىلەن ئاغرىقنى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، مۇۋاپىق بىلەك بوغقۇچىنى تاللاش ۋە ئۈچ مىنۇتچە ئارام ئالدۇرۇش كېرەك. ئاغرىق ئىككى پۇتىنى يەر يۈزىگە تەكشى قويۇشى، ئالمىۋالماسلىقى، قان بېسىمىنى ئۆلچەيدىغان بىلىكىنى يۈرەك بىلەن باراۋەر ئېگىزلىكتە ئۈستەلگە قويۇشى كېرەك. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، 2-قېتىملىق ياكى ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچلارغا سەل قارىغاندا، روشەن خاتالىق پەرقى كۆرۈلۈپ، دورا بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت زۆرۈرىيىتى يوق داۋالاش ياكى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئامېرىكا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىلەكنى پۇتقا قويۇپ ياكى يانغا ساڭگىلىتىپ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا ئۆلچىگەنگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بېسىم 3.9 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن 6.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگىچە، تۆۋەن بېسىم 4 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن 4.5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىگىچە يۇقىرى چىقىپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن، قان بېسىمىنى ئۆلچەملىك ھالەتتە ئۆلچەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |