Discuz! Board

تېما: نېمىشقا ئورۇقلىغاندىن كېيىن يەنە سەمىرىپ كېتىدۇ؟ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: admin    ۋاقىت: 2025-1-25 16:24
تېما: نېمىشقا ئورۇقلىغاندىن كېيىن يەنە سەمىرىپ كېتىدۇ؟

ئورۇقلاش بىر ئازابلىق تېما: بىر نەچچە ئاي تاماق كېمەيتىپ جاپا تارتىپ، بىر قېتىم ئۆزىنى مەيلىگە قويۇۋەتسىلا بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ، بەزىلەر قانچە ئورۇقلىغانسېرى شۇنچە سەمرىپ كېتىدۇ، بۇ ئىش سانسىزلىغان گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ئازابلايدۇ. يېڭى تەتقىقات گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەرنىڭ نازۇك قەلبىگە «ئېغىر زەربە» ئېلىپ كەلدى-ياغ ھۈجەيرىلىرى سىزنىڭ ئىلگىرىكى سېمىزلىكىڭىزنى «ئەستە ساقلايدۇ» ۋە ئورۇقلاش پىلانىڭىزغا قارشى تۇرىدۇ.

تەتقىقاتچىلار سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئورۇقلىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ياغ توقۇلمىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ياغ ھۈجەيرىسىدە بىيولوگىيەلىك ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بارلىقىنى بېكىتكەن، ھەمدە ئۇلارنى سېمىز بولمىغان كىشىلەرنىڭ ياغ ھۈجەيرىسى بىلەن سېلىشتۇرغان. تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، ياغ ھۈجەيرىلىرى يەككە سېمىزلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارغا بولغان ئىنكاسىنى ئۆزگەرتىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك تەسىرلەر نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

سېمىزلەرنىڭ ياغ ھۈجەيرىلىرى باشقىلارغا قارىغاندا تېز ئۆسىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ تېز سۈمۈرەلەيدۇ.

بۇ تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى، شىۋېيتسارىيە سيۇرىخ فېدراتسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى فېردىناند ۋان مىيېرن (Ferdinand Van Miyern) مۇنداق دېدى: «ياغ ھۈجەيرىلىرى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى سېمىزلىك ھالىتىنى ئېسىدە ساقلايدۇ، بەلكىم <مەقسەتلىك> ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن» شۇ ھالەتكە كېلىش كىشىلەرنىڭ ئورۇقلىغاندىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قالالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەب. بۇ خىل «ئەستە ساقلاش» ياغ ھۈجەيرىلىرىنى شېكەر ياكى ياغ كىسلاتاسىغا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ساغلام بولمىغان ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل بىئولوگىيىلىك ئەستە ساقلاشنى گېن بەلگىلەيدۇ. سېمىز چاشقانلار ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، باشقا چاشقانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تېز سەمرىپ كېتىدۇ، ماددا ئالمىشىشنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ھادىسىنى پەقەت ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ سېمىزلىك ئەسلىمىسىگىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ-ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مېڭە ھۈجەيرىلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىيولوگىيەلىك ئەسلىمىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىزنىڭ ئىستېمالىمىزغا ۋە ئېنېرگىيە خورىتىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى ئاپتورى لاۋرا خىنت مۇنداق دېدى: «تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق. ئىنسانلار ۋە باشقا ھايۋانلار ئورۇقلاشقا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا ماسلاشقان، چۈنكى تارىختىن قارىغاندا، يېمەكلىك كەمچىل بولۇش ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان خىرىس.»

يەنە بىر تەتقىقاتچى Daniel Castrano-Castillo بىر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى يەنى، ھۈجەيرىلەرنىڭ سېمىزلىك ئەسلىمىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىلىشى مۇمكىن، «يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە، بەزىدە ئورۇقلىغاندىن كېيىن ياكى ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىغاندا، <ماي ھۈجەيرىسىنى>نىڭ سېمىزلىك خاتىرىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ».







خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) Powered by Discuz! X3.3