ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ «ئارخىتېكتورى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە تارقالغان. بۇ «ئارخىتېكتور» چېتىلىدىغان دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئۆسۈش، يېتىلىش، ئىرسىيەت، كۆپىيىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج.
ئادەم بەدىنىدە ئاقسىل كەمچىل بولغاندىن كېيىن، چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ئارقىدىنلا ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەنگلىيە نېۋكاستل داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ياشانغانلار ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلسا، قېرىشتىن كېلىپ چىققان مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
2021-يىلىدىكى يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەگەر ياشانغانلارنىڭ يىقىلىپ چۈشۈش ۋە سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسا، كالتسىي تولۇقلاپلا قالماي، يەنە يېتەرلىك ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك ئىكەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ «ئارخىتېكتور» ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئېلېمېنت.
بەدەندە ئاقسىل كەمچىل بولسا، بەدەندە يەتتە خىل ئالامەت پەيدا بولىدۇ. ئادەم ئاقسىل بەدىنىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە ماددىسى بولۇپ، ئاقسىل قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولمىغاندا، بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.
① بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش (مۇسكۇل مىقدارى تۆۋەنلەش).
② ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ.
③ يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ.
④ مۇسكۇل، بوغۇم قاتارلىقلاردا ماغدۇرسىزلىنىش، ئاغرىش ياكى بوشىشىش كۆرۈلىدۇ.
⑤ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش تەس بولىدۇ.
⑥ تېرە بوشىشىش، پارقىرىماسلىق، ئېلاستىكىلىقى كەمچىل بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
⑦ ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، ئىنكاس ئىقتىدارى ناچار بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياج ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئاساسەن، ساغلام قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىل ھەر كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئاقسىل 1.0~1.2 گىرام بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەرنىڭ بىر كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىل مىقدارى 60~72 گىرام بولىدۇ.
ئەمما، ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياج ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئەگەر ئاقسىلنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا، ئەكسىچە زىيان يەتكۈزىدۇ، مەسىلەن :
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى: ئاقسىل كۆپىنچە ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، گۆش، پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىقلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئاسانلا بەدەندىكى پۇرىن مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى: بەدەننىڭ ئاقسىلنى ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئارتۇقچە ئاقسىل بۆرەك ئارقىلىق ماددا ئالماشتۇرىدۇ، ئۆزىدە بۆرەكتە مەسىلە بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەر ياكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدىكى بىمارلار: بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا 10-20 گىرام ئاقسىل كۆپەيتىپ، بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
ئۇنداقتا، ياشانغانلار قانچىلىك ئاقسىل يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ياۋروپا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ۋە مېتابولىزم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، ياشانغانلار ھەر كۈنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 1g~1.2gغىچە ئاقسىل قوبۇل قىلىشى كېرەك.
جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 1.2~1.5 گىرام ئاشۇرۇش، يەنى ھەر كۈنى تەخمىنەن 105~120 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى 5 خىل يېمەكلىك ئارقىلىق ئاقسىل تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش ئەڭ ياخشى تاللاش. نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق سورىشى مۇمكىن، يېمەكلىك تولۇقلاش شۇنچە ئاۋارىچىلىق تۇرسا، بىۋاسىتە ئاقسىل تولۇقلاش دورىسى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، كېسەل بولۇپ ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئادەتتىكى كىشىلەر تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلىماقچى بولسىڭىز، بۇ 5 خىل يېمەكلىكنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك يېسىڭىز بولىدۇ.
گۆش: گۆشنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان گۆشلەر يەنە باشقا ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
مەسىلەن، توخۇ تۆش گۆشىنىڭ ھەر 100 گىرامىدا 24.6 گىرام ئاقسىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ مىقدارى تۆۋەن، يەنە كۆپ خىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. راك تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، شۇنىڭدەك ۋىتامىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتسىي، فوسفور قاتارلىق ماددىلار مول بولۇپ، يۈرەكنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
تۇخۇم تۈرىدىكىلەر:
تۇخۇم تۈرىدىكىلەرمۇ ناھايىتى ياخشى ئاقسىل مەنبەسى، تۇخۇمنى مىسالغا ئالساق، ھەر 100 گىرامدا تەخمىنەن 13.1 گىرام ئاقسىل بولىدۇ، تۇخۇمنىڭ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتاسىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ، ئادەم بەدىنىگە تولۇقلانغان ئاقسىلدىن پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
سۈت تۈرىدىكىلەر:
ئوخشىمىغان سۈت مەنبەسىدە ئاقسىل مىقدارىدا پەرق بولىدۇ، ئادەتتە سۈت ئورالمىسىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلى ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. لاكتوزىغا چىدامسىزلارغا نىسبەتەن 0 لىك لاكتوزا سۈتى، قېتىق، پىشلاق قاتارلىقلارنى تاللاپ ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
ياڭاق:
گۆشسىز تاماق يەيدىغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياڭاق ياخشى ئاقسىل مەنبەسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ياڭىقى ئاقسىلىنىڭ مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 24 گىرامغا يېتىدۇ.
پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى:
قاتتىق پوستلۇق مېۋىدىن ئېرىشكەن ئاقسىلنى سېلىشتۇرغاندا، پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىل ئادەم بەدىنىنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ۋىتامىنE قاتارلىقلار بار. پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى30%-40%كە يېتىدۇ، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجىنى ناھايىتى ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئاقسىلنى قوبۇل قىلىشتا تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، ئاقسىل كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم بەدىنىدە چارچاش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى ئاقسىل كەملىكتىن بولۇشى ناتايىن، بەدەندە كېسەللىك كۆرۈلگەندە، ئاكتىپلىق بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
خۇش كەپسىز Discuz! Board (http://tibabat.com/) | Powered by Discuz! X3.3 |