Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1237|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئورۇقلىغىلى بولىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

خەلقئارالىق تېببىي ژۇرنال «لەنسېت» دىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى سېمىز ئەرلەر 43 مىليون 200 مىڭ، سېمىز ئاياللار 46 مىليون 400 ئىكەن. بۇ سانلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. سېمىزلىكتىن كەلگەن تەھدىت ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان تېما بولۇپ قالدى.

سېمىزلىكنىڭ زىيىنى

زىيادە سېمىزلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقىرلىتىۋېتىدۇ. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، سېمىزلىك يەنە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئورۇقلاشتا بىز نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر؟

ئېنىق ئايرىلغان ئورۇقلاش ئۇسۇلى بولۇش

ھازىر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىدىن: دورا بىلەن ئورۇقلاش ئۇسۇلى، ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ ئورۇقلاش، ئوزۇقلۇق+ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بار.

دورا ئارقىلىق ئورۇقلاش

ئىستېمال قىلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك دورىلار، ئىشتىھا تىزگىنلەيدىغان دورىدۇر. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئىسسىقلىق سەرپىياتىنىڭ سەرپ بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

لېكىن، ئۇنداق دورىلارنىڭ نۇرغۇن ئەكىس تەسىرلىرى بولغان بولىدۇ. بىز ئارزۇ قىلغان ئىشتىھانى تىزگىنلەش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئېغىر ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەيگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇزۇن ۋاقىت دورا ئىستېمال قىلىش داۋاملاشسا، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ساغلاملىق مەھسۇلاتىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىپ ئورۇقلاش

يېمەكلىك ئورنىدىكى مەھسۇلاتلار توغرىسىدا، ئۇنىڭ مەنىسى پۈتۈنلەي يېمەكلىك ئورنىدا ياكى يېرىم يېمەكلىك ئورنىدا بولىدۇ. ئىچىدىكى تەركىبلەر كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى تالالىق ھەم ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئىستېمال قىلغاندا ئادەمگە تويۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

لېكىن بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى ئىش بار. بىرىنچىسى، ئادەم بەدىنى تەلەپ قىلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددا كۆپ خىل بولىدۇ. مەھسۇلاتلارنى يېمەكلىك ئورنىدا ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ يېگەندە، مۇقەررەر ھالدا بەدەندە ئوزۇقلۇق ماددىلار كەم بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئككىنچىسى، ھازىر ئورۇقلاش بازىرى قالايمىقانلىشىپ، نۇرغۇن سودىگەرلەر ساختا مەھسۇلاتنى راست كۆرسىتىپ سېتىۋاتىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقلاش ئىجازەتنامىسىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەرەپ-تەرەپكە لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار تارقالماقتا.

ئوزۇقلۇق+ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاش

ھەرىكەت قىلىپ ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى ئاڭلىماققا بەك ساغلام ئورۇقلاش ئۇسۇلىدەك ھېس قىلىنىدۇ. راسىت، بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە ئىشلىتىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئىلمىي دەلىلەش ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ ئورۇقلاشتىكى ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل. ئۇ يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، مېتابولىزم كۈچىيىپ، ماي ئېرىش ئورۇقلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ھەرىكەت+ئوزۇقلۇق ئۇسۇلى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە يەنىلا نۇرغۇن خاتا قاراش مەۋجۇت. ئاساسلىقى، ئورۇقلايدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا تونۇشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئورۇقلاش پىسخىكىسى زىيادە جىددىي، ھەرىكەت مىقدارى ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارى جەھەتتە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.

ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئورۇقلاش

مېدىتسىنادىكى تاشقى كېسەل ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، سېمىزلىكنى ياخشىلاش، بىمارنىڭ پۈتۈن بەدەندىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش، دېئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى داۋالاش سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئوپېراتسىيە ئادەم بەدىنىگە ئازدۇر-كۆپتۇر زىيان يەتكۈزىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:09 , Processed in 0.102820 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش