Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5526|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر قاراپلا بۆرىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

تېز رىتىملىق ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا، بۆرەك ساغلاملىقىغا ھەمىشە سەل قارىلىدۇ، مەسىلە كۆرۈلگەندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۆرەك بەدەننىڭ «سۈزگۈچ»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ۋە مۇھىم ھورمۇن ئاجرىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ساغلاملىقى بىزنىڭ ئومۇمىي بەخت-سائادىتىمىزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا، بۆرەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى قانداق قىلغاندا بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟

سۈيدۈك

سۈيدۈك بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچلەرنىڭ بىرى. نورمال ئەھۋالدا، سۈيدۈك سۇس سېرىق، سۈزۈك بولۇشى، ئاندا-ساندا ئاز مىقداردا كۆپۈك پەيدا بولۇشى ھەمدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ كېتىشى كېرەك. ئەمما بۆرەك زەخىملەنگەندە، سۈيدۈكتە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن :

رەڭگى قېنىقلىشىش:قېنىق چاي رەڭگى ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى رەڭگىگە ئوخشاش، قان سىيىش ياكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

سىجىل كۆپۈك:ئەگەر كۆپۈك ئۇزۇنغىچە تارقالمىسا، ئاقسىللىق سۈيدۈكتىن، يەنى بۆرەكتىن زىيادە كۆپ ئاقسىل ئېقىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

سۈيدۈك مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى:كېچىلىك سۈيدۈكنىڭ كۆپىيىشى ياكى سۈيدۈك مىقدارىنىڭ تۇيۇقسىز ئازىيىشى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا «بۆرەك كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈيدۈكنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەرەللىك كۆزىتىپ تۇرغاندا، تەخمىنەن%30 بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدىكەن.

كۆز

جۇڭيى تېبابىتىدە «بۆرەك ياخشى بولسا كۆز روشەن بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، بۆرەكتىن مەسىلە چىققاندا، كۆزدە دائىم بەزى نورمالسىزلىقلار پەيدا بولىدۇ.

كۆز قاپىقى ئىششىپ قېلىش:بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بۇ بەلكىم بۆرەكنىڭ سۇ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

كۆز ئەتراپى قارىداشنىڭ ئېغىرلىشىشى:ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كۆز ئەتراپى قارىداش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بۆرەك زەئىپلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىش :

يۇقىرى قان بېسىم خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، چۈنكى يۇقىرى قان بېسىم كۆز تېگىدىكى قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

«كۆز كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن%20 سوزۇلما بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەسىلە بار ئىكەن.

چاچ

جۇڭيى تېبابىتىدە، بۆرەك جەۋھىرىنى ساقلايدۇ، بۆرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقى چاچتا ئىپادىلىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۆرەك ساغلاملىقى چاچنىڭ پارقىراقلىقى ۋە كۈچلۈكلۈكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بۆرەك قۇۋۋىتى يېتىشمىگەندە، چاچ ئاسانلا ئوزۇقلۇقنى يوقىتىپ، قۇرغاقلىشىپ ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ھەتتا كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىدۇ.

پارقىراقلىقىنى يوقىتىش:ساغلام چاچ قارا ھەم پارقىراق بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇ نۇرسىز بولۇپ قالسا، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

«تېرە كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:چاچ چۈشۈش بىلەن بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار، بولۇپمۇ ئەرلەردە.

يۈز

يۈز تېرىسىنىڭ رەڭگى ۋە ھالىتىمۇ بۆرەك ساغلاملىقىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

چىرايى تاتىرىپ كېتىش:قان ئازلىق بۆرەك كېسىلىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى بولۇپ، يۈز قىسمىدا قان رەڭگىنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سېرىق قوڭۇر داغ:پېشانە، چېكە سۆڭەكلىرىدە پەيدا بولغان سېرىق قوڭۇر رەڭلىك داغ پارچىلىرى بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ھورمۇن تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

«كىلىنكىلىق تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈزدىكى داغلار ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

جىسمانىي كۈچ

بۆرەك قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇن ھاسىل قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ چىدامچانلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ.

چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش:يېنىك ھەرىكەت قىلسىمۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلىش بۇ بەلكىم بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق ياكى ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.

بەل-تىز تېلىپ ئاغرىش:جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ:بۆرەك سۆڭەكنى باشقۇرىدۇ، يىلىك ھاسىل قىلىدۇ، بۆرەك زەئىپلەشسە بەل-تىز ئاجىزلىشىدۇ، دائىم تېلىپ ئاغرىيدۇ.

«ئامېرىكا بۆرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»نىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، جىسمانىي كۈچنىڭ ئاجىزلىشىشى بۆرەك كېسىلى بىمارلىرىدا ئومۇميۈزلۈك دوكلات قىلىنىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇنداقتا بۇ ئالامەتلەرنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

بۆرەك مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، بالدۇر ئارىلىشىش ئىنتايىن مۇھىم.

قىسقىسى، سۈيدۈك، كۆز، چاچ، يۈز ۋە جىسمانىي كۈچ ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، بۆرەك ساغلاملىقىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى تۇتالايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش بۆرەكنى ئاسراشنىڭ ئاچقۇچى. بۆرەككە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ساغلاملىق سىزگە دائىم ھەمراھ بولسۇن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:00 , Processed in 0.124375 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش