Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1973|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قان تومۇرنىڭ راۋانلىقى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

مەن مۇنداق بىر پارچە خەت تاپشۇرىۋالدىم: «ئانام 65 ياشقا كىردى. ئۇنىڭدا كۆپ قېتىم ئېغىزى قىسقا مۇددەتلىك مايماق كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. ھازىر ئۇنىڭ گەپ-سۆزى ئېنىق ئەمەس، پۇت-قولى ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتتى. دوختۇر بۇ ئەھۋالغا قىسقا ۋاقىتلىق مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويدى. ئانام بۇلتۇر 12-ئايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ياخشىلىنىش بولدى. لېكىن بۇ يىل يەنە كۆپ قېتىم يۈز بەردى. دوختۇر مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراپ ئاپامغا ئالدى بىلەن مېڭە قان تومۇرلىرىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئەگەر مېڭە قان تومۇر تارىيىش بولسا، مېڭە قان تومۇرىغا تىرەك قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.»

مېڭە قان تومۇرلىرى تارىيىشقا كەلسەك، ياشىنىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەردە مۇشۇنداق مەسىلە بار، لېكىن كۆپ ھاللاردا سېزىلمەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، مېڭە قان تومۇرلىرى تارىيىشقا باشلىغاندا، ھېچقانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، بىراق ئېغىر دەرىجىدە قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، سەكتە قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەندە، داۋالاش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ.

قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ مەنبەسى

قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر ئادەمنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، ئالايىتەن تەكشۈرتمىسە ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. ئەمما، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش ئۈن-تىنسىز ھالدا قان تومۇرلارغا ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ. قان تومۇردىكى ياغ بارغانسېرى كۆپىيىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى مايلىق قان كېسىلى بىر قاتار ئېغىر كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، مېڭە سەكتىسى قاتارلىقلار، ئېغىر بولغاندا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

قاندىكى ماي قاندىكى ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن خولىستىرىن ۋە ترىگلىتسېرىن قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ۋە ترىگلىتسېرىد يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زور ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككى چوڭ «ئاپەت»كە ئايلانغان.

1. تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى

تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى بىر خىل ناچار ماددا بولۇپ، خولىستىرىننىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان، ئۇ ئارتېرىيە قېتىشنى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۇ قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ، مۇقىم داغ پارچىسىغا ئايلىنىپ، قان تومۇرنى تارايتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان تومۇرنى ئېتىۋېلىپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، ئاساسىي ئارتېرىيە ئۆسمىسى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، قان تومۇرلاردا ياللۇغلىنىش، بۇزۇلۇش پەيدا قىلىپ، ئاسانلا يىغىلىپ، ھەجىمى تېخىمۇ چوڭ داغلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، پەقەت بۇ داغلار مۇقىم بولمايدۇ. داغ پارچىسىنىڭ يۆتكىلىشى يۈرەك تىقىلمىسى، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ترىگلىتسېرىد

ترىگلىتسېرىد بىز دائىم دەيدىغان ياغ. قان تومۇر ئىچىدە ترىگلىتسېرىد ناچار خولىستىرىننىڭ قولچومىقى بولۇپ، قان تومۇرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىدۇ.

قان تومۇر تارىيىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

قان تومۇردا داغ پارچىسى بولسا قان تومۇرنى تارايتىدۇ، ئەگەر قان تومۇر تارىيىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تار بولسا، ئوخشاش بولمىغان تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.

1. قان تومۇر تارىيىش دەرىجىسى %50تىن تۆۋەن بولۇش

قان تومۇر تارىيىش دەرىجىسى %50تىن تۆۋەن بولسا، ئادەتتە قان ئېقىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قېتىمدىن تەكشۈرۈپ، قان تومۇر ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش كېرەك. ئادەتتە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈش، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، داغ پارچىلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

2. قان تومۇر تارىيىش دەرىجىسى %59 ~ %50 بولسا، قان ئايلىنىشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن يەنىلا نورمال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، لېكىن يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىر قېتىمدىن تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا بىلەن داۋالىنىپ، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمىنى پائال تۆۋەنلىتىپ، قان شېكىرىنى تەڭشەيدۇ.

3. قان تومۇر تارىيىش دەرىجىسى %70تىن يۇقىرى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئاسانلا سەكتە قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ھەر 3 ~ 6 ئايدا بىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك ياكى مېڭە سەكتىسى پەيدا بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك.

قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇسۇلى:

قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسلىقى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، خولىستىرىن ۋە ياغ كىسلاتاسىغا قاتتىق چەك قويۇش كېرەك؛

2. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك؛

3. ئاستا يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەش كېرەك؛

4. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر قان تومۇرلارنى دورا بىلەن راۋانلاشتۇرۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشنى دورا ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەممە ئەھۋال دورا بىلەن داۋالاشقا ماس كەلمەيدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، دورا ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش پەقەت جىددىي خاراكتېرلىك قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا قارىتا دورا ئارقىلىق ۋېناغا ئوكۇل قىلىشقا بولىدۇ. بەزى ئاستا خاراكتېرلىك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى باشقا داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 00:05 , Processed in 0.117534 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش