يانفون ئىشلىتىش، كومپيۇتېر كۆرۈش، ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك بىر تالاي ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىمىزنى چارچىتىدۇ. بۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنى بارغانسېرى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز چوڭ مېڭىمىزنى «ياخشى بېقىپ» ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرساقلا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە چوڭ مېڭە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/20250115cc0fc076e8e5ba65355b909631515a6400021385125.jpg)
1. كاۋا كاۋا بىر گۆھەر، ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن بولۇپ، بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ۋىتامىن A چوڭ مېڭىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە يېڭىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/2025011588b5d9f2c1f2e88ef3b292e627b90aa500021385125.jpg)
2. ياڭاق ياڭاقنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر قانداق يېسە ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سىزگە بىر ئەپچىل چارىنى ئېيتىپ بېرەي. ياڭاقنى مۇۋاپىق مىقداردا سۇغا چىلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تاننىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ئوزۇقلۇقنى ئادەم بەدىنى تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى ياڭاق مېغىزى بىلەن بىر سىقىم قارا پۇرچاقنى بىللە قاينىتىپ ئىچسەك، بۇ ماسلاشتۇرۇش ئادەم بەدىنىنى ناھايىتى ياخشى ئاسرايدۇ، ھەم مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەم چاچنى ئاسرايدۇ. ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ياڭاق مېغىزىنى يەنە يېگىلى بولىدۇ، ئازراقمۇ ئىسراپ بولۇپ كەتمەيدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/20250115822ccb97cc7256215523001325ffe1d400021385125.jpg)
3. چېچەكسەي چېچەكسەي «كۆكتات تاجى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى فولىك كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن K چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن كىشىلەر چېچەكسەينى بىر تەرەپ قىلىش تەس دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇنداق بىر كىچىك ماھارەتنى ئىگىلىسىلا بولىدۇ. چېچەكسەينى پىشۇرغاندا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسە ياپيېشىل رەڭنى ساقلاپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/20250115d6c3583212f2c09017ef2e1ebdaf0bff00021385125.jpg)
4. قارا كۈنجۈت قارا كۈنجۈت ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن «كۈتۈنۈش گۆھىرى». ئۇنىڭ تەركىبىدىكى لېتسىتىن ۋە كۈنجۈت فېنولى چوڭ مېڭە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلىرىدۇر. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر سىقىم قارا كۈنجۈتنى سۇيۇق-سەلەڭ تاماققا سېلىپ يېيىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپلا قالماي، ھەتتا چاچمۇ قارىداپ، پارقىراپ كېتىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/202501153d373f1b70529eea2a60950eb40d5a4e00021385125.jpg)
5. خاسىڭ خاسىڭ بولسا ھەقىقىي «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يېمەكلىكى». ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە لېتسىتىن چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، خام خاسىڭ ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى قاقلاش ياكى سۇدا پىشۇرۇش كېرەك. خاسىڭ بىلەن چىلاننى بىللە قاينىتىپ ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ ئىچسە ئىسسىق، بەك راھەت بولىدۇ. بۇ ماسلاشتۇرۇش ھەم مېڭىنى ئاسرايدۇ، ھەم قاننى ئاسرايدۇ، بولۇپمۇ دائىم تۈنەيدىغان دوستلارنىڭ بەدىنىنى تەڭشىشىگە ماس كېلىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/202501158767ce5556aab0b4e4e7371e47feb79900021385125.jpg)
6. ئاق مور ئاق مور تەركىبىدە كوللاگېن ئاقسىلى ۋە پولىساخارىد مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى نەمدەپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاق مورنى پەقەت شورپىلا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئاق مورنى كۆپتۈرۈپ توغرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ھەسەل ۋە لىمون سۈيى قوشۇپ قۇرۇتساقلا مەززىلىك شېكەرلەنگەن مېۋە بولۇپ قالىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/2025011533c43bb3a96df6d210f9de8ce515d0ff00021385125.jpg)
7. سۆسۈن رەڭلىك تاتلىقياڭيۇ سۆسۈن رەڭلىك تاتلىقياڭيۇنىڭ سىئانىدىن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپلا قالماي، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىمۇ ياخشىلايدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2025/0115/202501151a9c47e425aade7e836521aa521ff82900021385125.jpg)
8. ئۆرۈك مېغىزى ئۆرۈك مېغىزى ياڭاققا ئوخشاش مېڭىنى قۇۋۋەتلەشتىكى ياخشى ياردەمچىدۇر. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۆرۈك مېغىزىنى تالقان قىلىپ سۈت بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، ئادەم ناھايىتى سەگەكلىشىپ قالىدۇ. كۈتۈنۈشتە ئالدى بىلەن مېڭىنى ئاسراش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ چوڭ مېڭىسىنى ئىزچىل ياش تۇتۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئىزچىل ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|