Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2755|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىش كۈنلىرى تۈنەشنىڭ زىيىنى باشقا پەسىللەردىكىدىن كۆپ بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈنەشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، تىياتىر كۆرۈش، ھەتتا ئۇخلىيالماسلىق... كېچىسى ئۇخلىمايدىغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ.

دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى سەھەر سائەت 0 بولۇپ بولۇپ،%28 ئادەمنىڭ كېچىلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئالتە سائەتكە بارمايدىكەن.

لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر قىشتا تۈنەشنىڭ زىيىنى باشقا پەسىللەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.

تۈنەش سوغۇقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ

دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەت نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى مۇسبەت قۇۋۋەت ئەسلىدىنلا ئاجىز بولىدۇ، ئەمما يېرىم كېچىدىن سەھەرگىچە بولغان ۋاقىت بىر كۈن ئىچىدىكى مۇسبەت قۇۋۋەت ئەڭ ئاجىز، ئەڭ سوغۇق ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

بالدۇر ئۇخلاش پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىغاندا، ھەرقانچە كۆپ كىيىم كىيسىمۇ، ئادەم بەدىنى سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئاسانلىقچە تاقابىل تۇرالمايدۇ.

قىش پەسلىدە بالدۇر ئۇخلاپ، كېيىن ئورنىدىن تۇرغاندا يېرىم كېچىدە قاتتىق سوغۇقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سوغۇق ھاۋانىڭ مۇسبەتكە زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زۇكامنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

تۈنەش ئىممۇنىتېت كۈچىگە زىيان يەتكۈزىدۇ

قىشتا تۈنىمەسلىكتىكى مەقسەت كۈچنى ساقلاپ، جىسمانىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، شۇنداق قىلغاندىلا، ئەتىيازدا بارلىق مەۋجۇداتلار ئەسلىگە كەلگەندە، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى قۇتراشقا باشلىغاندا، تاشقى ئىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا ئۇخلىشى، ئەتىگەندە قۇياش چىققاندا ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلغىلى، ھەم قۇۋۋەتنى يوشۇرۇپ، مەنپىيلىكنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا پايدىلىق.

ياپونىيە نورۇگا مۇكاپاتى ساھىبى نوبۇمىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كېچىدىكى ئادەمنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، مۇداپىئە سىستېمىسى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. تاشقى دۇنيانىڭ جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەدەن سىستېمىسى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرالماي، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.

بۇ ئىشتىن ئۇ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: تۇرمۇشتا بىيولوگىيەلىك سائەتنىڭ قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىش، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ قىش كۈنى كەچتە تۈنىمەسلىك، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر قوپۇش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ.

تۈنىگەندىن كېيىن ئۈچ ئىشنى قىلغاندا زېھنىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ

ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا، كەچ سائەت 11 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى، بولۇپمۇ كەچ سائەت 11 دىن ئەتىسى سائەت 3 كىچە، چوڭقۇر ئۇيقۇ مۇشۇ ۋاقىتقا مەركەزلەشكەن. كەچ سائەت 12 دىن ئاشسا تۈنەشكە تەۋە بولۇپ، قانچە كەچ ئۇخلىسا بەدەنگە بولغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

تۈنىگەندىن كېيىن، بەدەن قانچىلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ :

ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلار: ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، ئۆت سۇيۇقلۇقى، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشى قالايمىقانلىشىش، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ.

ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى ئازايتىش: قالقانسىمان بەز ھورمۇنى، جىنسىي ھورمۇن، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىشى زىيادە تۆۋەن بولۇپ، تېرە ھالىتىنىڭ ناچارلىشىشى، بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاياللاردا يەنە تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى: تۈنەش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى بەش ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋېتىدۇ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى، قان تومۇرلار تارتىشىپ قېلىش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

چوڭ مېڭىنى بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش: ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىق ئۇنۇتقاقلىق، خىرەلىشىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بىلىش ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كەيپىيات مەسىلىسى: ئۇزاق مۇددەت تۈنەيدىغان كىشىلەردە دائىم كەيپىياتى سەزگۈر بولۇش قاتارلىق ھەر خىل كەيپىيات مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ، ئاسانلا ئازابلىنىدۇ ياكى ئاچچىقلىنىدۇ.

ئەگەر تۈنەشتىن ساقلانغىلى بولمىسا، ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق زەخىملىنىشنى ئازايتىپ، زېھنىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ :

ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش ۋە ئۇيقۇنى تولۇقلاش

بەزى كىشىلەر تۈنىگەندىن كېيىن ئاسان ئۇخلىيالمايدۇ، لېكىن يەنىلا كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى ئادەم ياتقاندا، ماددا ئالماشتۇرۇش ئاستىلاپ، بەدەننىڭ ئونكول بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئەگەر ھەقىقەتەن كۆپ ئۇيقۇنى تولۇقلىغىلى بولمىسا، چوقۇم چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، باشقا ۋاقىتلاردا ۋاقتىڭىز بولسا بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ، 10 مىنۇت بولسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

تۈنىگەندىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا، ھەم ھاردۇق چىقىدۇ، ھەم تېز سۈرئەتتە چوڭقۇر ئۇيقۇغا كىرىشكە ياردەم بېرىدۇ.

ئاستا ھەرىكەت قىلىش

كۈندۈزى ئۇيقۇنى تولۇقلىغاندىن كېيىن، كۈچ-قۇۋۋەت يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. كېچىلىك ئىسمېنىدا ئولتۇرغان مەزگىلدە، ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بىر نەچچە مىنۇت زوڭزىيىپ ئولتۇرسىلا بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، سەككىز باسقۇچلۇق گىمناستىكا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ ھارغىنلىقنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

ناشتىلىقتا قۇۋۋەت تولۇقلاش

تۈنىگەندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك تاماقتا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئەڭ مۇھىم. تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار ۋە ئاقسىللار مول بولغان تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، نىلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ تالقىنى، تۆۋەن مايلىق سۈتكە چىلانغان سۇلۇ يارمىسى، يېشىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى يەپ بېرىش، قەنت مىقدارى يۇقىرى، تۇز مىقدارى يۇقىرى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

ماي كېچىدە توپلىنىدىغان بولغاچقا، كېچىدە خىزمەت قىلغاندا قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى ئاز مىقداردا يېسە بولىدۇ، قورساق ئاچمىسا ئامال بار يېمەسلىك كېرەك.

ئىككى «شورپا بىلەن داۋالاش رېتسېپى» تۈنەشنىڭ زىيىنىنى ئازايتىدۇ

جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى گۇاڭشى پات-پات تۈنىگەندىن كېيىن توغرا كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش، بەدەننى ئاسراش توغرىسىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك رېتسىپ يېزىپ بەرگەن :

زەنجىۋىل چىلان شورپىسى

نىسبىتى تەخمىنەن 1:3 بولغان چىلان بىلەن زەنجىۋىلنى كېسىپ، قايناق سۇغا بىر تال چىلان شورپىسى سېلىپ قاينىتىپ، قىش پەسلىدە ئىچسە روھنى ئۇرغۇتۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى ئىللىتىپ، سوغۇقنى يوقىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ .

ئادەمگىياھ شورپىسى

10 گىرام ئەتراپىدىكى ئادەمگىياھنى توغراپ، قايناقسۇغا سېلىپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىپ، ئادەمگىياھنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. تۈنىگەندىن كېيىن ئادەمگىياھ سۈيى ئىچسە، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، قاننى قۇۋۋەتلەپ، كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ توغرا كەيپىياتنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

بۇنىڭ ، قۇۋۋەت دورىسى ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

ئادەمگىياھ شورپىسىنى ئىچكەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىرىكمە B تۈردىكى ۋىتامىنلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇپ، ئادەمگىياھ يېگەندىن كېيىنكى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 06:00 , Processed in 0.125931 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش