Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5548|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۈز پەسلىدە چۈچۈمەل يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كونىلاردا «كۈزدە چۈچىمەل يېسە، كېسەل تەگمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار.

كۈز پەسلىدە چۈچۈمەل يېيىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

نېمە ئۈچۈن كۈز پەسلىدە «ئاچچىقنى ئازايتىپ چۈچىمەلنى كۆپەيتىدۇ»

بېيجىڭ تېبابىتى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى ئىككىلەمچى ساغلاملىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى پېڭ يۈچىڭ مۇنداق دېدى:كۈز پەسلىدە قۇرغاقلىشىش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۆپكە نەملىكنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇرغاقلىشىش ئاسان ئۆپكىنى زەخىملەندۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەردە ئاسانلا ئېغىز-بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، يۇتقۇنچاق قۇرغاقلىشىش، يۆتەل كۆپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

ئادەتتە يېمەك-ئىچمەكتە « ئاچچىقنى ئازايتىپ، چۈچىمەلنى كۆپەيتىش»نى تەۋسىيە قىلىمىز، ئاچچىق تەم ئۆپكىنى غىدىقلايدۇ، چۈچىمەل تەم ئۆپكىنى بوشىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «چۈچىمەل تەم» جىگەرگە كىرىپ، ئۆپكىگە سۇيۇقلۇق پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆپكە ئىسسىقى زىيادە ئېشىپ كېتىشكە قارشى تۇرىدۇ.

جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسى ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى سۈن چىۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتە ئانار، ئاپېلسىن، چوڭ ئاپېلسىن، دولانا، لىمون، چۈچۈمەل تۇرۇپ قاتارلىق چۈچۈمەل مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە بولىدۇ، پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، كۈدە قاتارلىق ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، ئاچچىق تەمنىڭ تارقىلىپ ئۆپكىدىكى ئىسسىقنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ۋېي ۋېي مۇنداق دېدى: ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھانى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ ئورتاقلىقتىن باشقا، تەمى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ بار :

مەسىلەن، مايمۇن شاپتۇلى، پەمىدۇر قاتارلىق چۈچۈمەل مېۋە ۋە كۆكتاتلار ۋىتامىن C، كالىي، لىكوپېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كالتسىينى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، لىمون سۈيى تەركىبىدە ۋىتامىن C، كالىي، لىكوپېن قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىلىق كۆپ خىل ئاكتىپ ماددىلار بار، مەسىلەن، فلاۋونوئىد، خېسپېردىن قاتارلىقلار.

چۈچۈمەل يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بۇ تەرەپلەردە غەلىبە قىلىدۇ

كۈز پەسلىدە چۈچۈمەل يېسە، تۆت پەسىلگە ماسلىشىپلا قالماي، يەنە كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان پايدىلىق تەرەپلەرگىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مىكروب ئۆلتۈرۈش

كېسەللىك باكتېرىيىلىرى كىسلاتالىق مۇھىتتا ئاسانلىقچە ياشىيالمايدۇ، چۈچۈمۈل تەم ھەم ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەم كۆكتات تەركىبىدىكى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى تىزگىنلەيدۇ. تاماق ئەتكەندە ئاچچىقسۇنى مۇۋاپىق قوشقاندا، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

سۇ تولۇقلاپ ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ

كۈز پەسلى قۇرغاق بولغاچقا، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ يېتەرلىك قان سىغىمچانلىقىنى ساقلاپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. لىمون سۈيى دەملەپ ئىچسە، كىشىلەرنىڭ كۆپرەك ئىچىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. «چۈچۈمەل تەم» ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

ۋىتامىن تولۇقلاش

تەمى چۈچۈمەل مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C كۆپ بولىدۇ. «جۇڭگو يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلى» دە كۆرسىتىلىشىچە، 100 گرام ياۋا چىلان تەركىبىدە 900 مىللىگرام ۋىتامىن C بار ئىكەن. دولانا، مايمۇن شاپتۇلى ۋە جىغان مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بار.

سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

چۈچۈمەل تەملىك مېۋىلەر تەركىبىدىكى ئاسكوربىك كىسلاتا، ئالما كىسلاتاسى، تارتارىك كىسلاتا قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار مىنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق.

تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىدۇ

تەشۋىشلىنىش كېسىلى، خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار تەركىبىدە چۈچۈمەل تەم بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئەنگلىيە سۇسېكس داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كىشىلەرنى يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشقا، خەتەرگە دادىل يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، تەشۋىشلىنىش كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر گەرچە ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى ساغلام يېگەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.

تاماق ئەتكەندە ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز

ئاچچىقسۇنىڭ تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يوقىتىپ، ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى ئاشۇرۇش، پۇراقنى يوقىتىش، مىكروب جەھەتلەردىمۇ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. مەيلى قورۇما ياكى سوغۇق سەي بولسۇن، ھەممىسىگە ئازراق قوشساق بولىدۇ.

ئازراق چۈچۈمەل مېۋە-چېۋە يەيلى

ئۈزۈمنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش، قان تولۇقلاش، بەدەن سۇيۇقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

دولانانىڭ تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى ھەر خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

ئانار بەدەن سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدۇ، ئېغىز، تىلى قۇرغاق، ئىچى سۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە پولىفېنول مىقدارى ئەڭ مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى.

پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە لىكوپېن مول بولۇپ، پەمىدۇرنى پىشۇرغاندىن كېيىن، ئورگانىك كىسلاتامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇغا چۈشىدۇ، يېگەندە چۈچۈمەل تەمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەم بەدەن سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، ھەم ئىشتىھانى ئېچىپ ھەزىم قىلىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 06:01 , Processed in 0.116341 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش