Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قارا پىگمېنتنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

قارا پىگمېنت تېرىدىكى ماينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، جاھىل قارا پىگمېنت تېرىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا قارىسىلا بىئارام بولۇپ ئادەمنى ناھايىتى ئوڭايسىزلاندۇرىدۇ. قارا پىگمېنتنى قانداق يوقىتىش كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، ئۇنداقتا تۆۋەندە قارا پىگمېنتنى قانداق يوقىتىشنى كۆرۈپ باقايلى!

قارا پىگمېنتنى يوقىتىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار.

1. تۇز بىلەن قارا پىگمېنتنى يوقىتىش

ھەر قانداق ئاش تۇزى، يىرىك تۇز ياكى يۇمشاق تۇز بولسا بولۇۋېرىدۇ. يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بۇرۇن قىسمى نەمخۇش ھالەتتە تۇرغاندا، بارماق بىلەن ئاش تۇزىنى تەگكۈزۈپ بۇرۇننى ئۇياق-بۇياققا ئۇۋۇلاپ يۇيۇش كېرەك. كۈچ دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇشى، ئىشلەتكەندە يارا ئېغىزىدىن ساقلىنىش كېرەك.


2. بوۋاقلار مېيى بىلەن قارا پىگمېنتنى يوقىتىش

بوۋاقلار مېيىمۇ بۇرۇندىكى قارا پىگمېنتنى يوقىتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۇسۇلى. بوۋاقلار مېيى بىلەن بۇرۇننى ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇۋەتسىلا بولىدۇ.

3. سىلىقلاشتۇرۇش مەلھىمى (磨砂膏) بىلەن قارا پىگمېنتنى يوقىتىش

تېرىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى قېلىنلاپ كەتسە، تېرىدىكى نۇرغۇن كېرەكسىز نەرسىلەرنى يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىز سىلىقلاشتۇرۇش مەلھىمى بىلەن قەرەللىك ھالدا تېرىدىكى مۈڭگۈز پەردىنى چىقىرىپ، تېرە سەزگۈرلىكىدىن يىراق تۇرسىڭىز، قارا پىگمېنتنى ناھايىتى ياخشى يوقىتالايسىز.

4. قارا پىگمېنتنى چىقىرىش سۇيۇقلۇقى بىلەن قارا پىگمېنتنى يوقىتىش

قارا پىگمېنت تېرىنىڭ كۈشەندىسى، نۇرغۇن قىزلار قارا پىگمېنتنى چىقىرىش سۇيۇقلۇقى بىلەن قارا پىگمېنتنى يوقىتىدۇ، لېكىن بۇ خىل مۈڭگۈز ماددىنى يۇمشىتىدىغان مەھسۇلاتنى نۇرغۇن قىزلار پۈتۈنلەي توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە قارا پىگمېنت چىقىرىش سۇيۇقلۇقىنىڭ توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىمىز. بۇ 6 قەدەم بويىچە ئىشلەتسىڭىز تېرىڭىزنى پاكىز ساقلىيالايسىز.

1. ئاۋۋال ئىسسىق سۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇش، ئاندىن يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن تەر تۆشۈكچىلىرىنى يۇيۇپ ئېچىش كېرەك.

2. ئاندىن بىر تال پاختا رەخت تەييارلاپ، قارا پىگمېنتنى چىقىرىش سۇيۇقلۇقىنى پاختىغا قۇيىمىز، ئېسىڭىزدە بولسۇن، چوقۇم پاختا رەختنىڭ ھەممىنى ھۆل قىلىۋېتىشىمىز كېرەك.

3. قارا پىگمېنتنى چىقىرىش سۇيۇقلۇقىغا چىلانغان پاختىنى بۇرۇنغا قويۇپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئېلىۋېتىمىز.

4. ئاندىن نەملەشكەن بۇرۇنغا بۇرۇن چاپلىقى چاپلاپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن ئېلىۋەتسە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

5. تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدىغان سۇيۇقلۇق ياكى جەۋھەرنى بۇرۇننىڭ ئۈستىگە سۈركەش.

6. ئەڭ ئاخىرىدا يۈزگە سۇ تولۇقلاش يۈز چاپلىقى چاپلاش، بۇ تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمدىلا قارا پىگمېنت تازىلىنىپ غىدىقلانغان تېرىنى تىنچلاندۇرىدۇ.

قارا پىگمېنتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

1. تېرىنى تازىلاشقا دىققەت قىلىش، مەينەت نەرسىلەرنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

2. ئۇۋاق تۇزنى بۇرۇنغا سۈركەپ، تۇز يېرىم ئېرىگەن ھالەتتىن باشلاپ ئۇۋۇلايمىز. بەك كۈچەپ كەتمەڭ، بولمىسا ئاغرىپ كېتىدۇ.

3. تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئىچكى پەردىسى قارا پىگمېنتنى يوقىتىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئىچكى قەۋىتىدىكى بىر قەۋەت پەردىنى ئېھتىيات بىلەن سويۇپ بۇرۇن ئۈستىگە چاپلايمىز، ئاندىن قۇرۇغاندىن كېيىن ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:11 , Processed in 0.129091 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش