Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1285|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۈرىكى ئاجىز كىشىلەر تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك ئىشتا دىققەت قىلىشى ك...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

يۈرەك ئاجىز كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك ئىشقا دىققەت قىلسىڭىز، يۈرەكنى ئاسرىغىلى ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.

1. مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش.

مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلىنىپ، يۈرەك ئىقتىدارى ئېشىپ، بەدەندىكى ئاجىزلىغان ئورۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، بۇنىڭدىن سىرت بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچى ئېشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

ھەر كۈنى ۋېلسىپىت مىنىش، ئاستا يۈگرەش، ئاستا مېڭىش، تەيجى گۇمپىسى ئىشلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق تاللاپ چېنىقىپ بېرىش، ھەر كۈنى چېنىقىش ۋاقتى ئاز دېگەندىمۇ 20 مىنۇت، ھەپتىسىگە تۆت قېتىم چېنىقىپ بېرىش كېرەك ئىكەن.

2. ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى يۈرەك ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. لېكىن ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىكەن، چۈنكى ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى %38 ئاشىدىكەن. ئادەتتە ئۇخلاش ۋاقتىنى يەتتە سائەت ئەتراپىدا كونترول قىلىش، ئەمما توققۇز سائەتتىن بەك ئاشۇرۋەتمەسلىك كېرەك ئىكەن.

3. دائىم چىش چوتكىلاپ بېرىش

چىش چوتكىلاپ تۇرۇش ياخشى ئادەت، چىش چوتكىلاشمۇ يۈرەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ھەر كۈنى چىشنى چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەرنى كۈنىگە ئىككى ۋاق چىش چوتكىلايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، چىش چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەردە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى چىش كېسەللىكى بايقالسا، چىشتىكى مىكروب چىش مىلىكى قانىغان ئورۇندىن ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، قىسمەن ئەزالارنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن، ناۋادا يۈرەكمۇ شۇ سەۋەبتىن يۇقۇملىنىپ قالسا، قان –تومۇر توسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ھادىسە كېلىپ چىقىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن چىش مەسىلىسىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك ئىكەن.

4. ياخشى بولغان يېمەكلىك ئادىتى يېتىلدۈرۈش

يېمەكلىك جەھەتتە مايلىق، ئاچچىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ئازايتىش كېرەك، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم گۆشسىز تاماقنى كۆپ يەپ بەرسە يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋىپى تۆۋەنلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ھەر كۈنى كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بېرىشى، مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك ئىكەن.

5. تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنماسلىق كېرەك

يۈرىكى ئاجىز كىشىلەر تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئادەتتە تاماقتىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى قان ئاشقازانغا يىغىلىپ، باشقا ئەزالاردا قان مىقدارى تۆۋەنلەيدىكەن. ناۋادا تاماقتىن كېيىنلا يۇيۇنغاندا، ئىسسىق سۇ بەدەنگە تەسىر قىلىپ، ئاسانلا يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.

6. تاماقتىن كېيىن ئاچچىقلانماسلىق كېرەك

تاماقتىن كېيىن ئاچچىقلانغاندا يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ، ئوكسېگىن سەرپىياتى ئېشىپ، باشقا ئەزالار تەسىر ئۇچرايدىكەن، بولۇپمۇ يۈرىكى ئاجىز كىشىلەر، يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر تاماقتىن كېيىن ئاچچىقلانسا، مېڭىسىگە قان چۈشۈش، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 00:01 , Processed in 0.123516 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش