Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

ئادەم ھاياتىدا ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىتنى ئۇخلاشقا سەرپ قىلىدۇ. ئىلگىرى ئۇخلاشنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بارلىقىنى بىلەتتۇق. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ يەنە باشقا قانداق ئۈنۈمى بار دېگەنگە كەلسەك، بۇنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ھازىرغا قەدەر سىستېمىلىق ئىلمىي چۈشەندۈرۈش كەمچىل.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە بارلاند داشۆسىدىكى پىروفېسسور رىئو ئەببوم رەھبەرلىكىدىكى بىر پەن-تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا بىر تۈرلۈك تەجرىبىنى قانات يايدۇرغان. تەجرىبە چىپار بېلىق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان. چىپار بېلىق گېنى بىلەن ئىنسانلار گېنىنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى %87 گە يېتىدۇ، تۆرەلمە گەۋدىسى سۈزۈك بولىدۇ، چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەجرىبە ھايۋانلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تەجرىبە نەتىجىسى كۆپ ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىنسانلارغا ماس كېلىدۇ.

3D يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كېچىكتۈرمە سۈرەتكە تارتىلغان سۈرەت ۋە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆزىتىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۇيقۇنىڭ سىرىنى بايقىغان. چىپار بېلىق كۈندۈزى ئويغاق ۋاقىتتا، خىروموسوما ئانچە جانلىنىپ كەتمەيدۇ، گەرچە زىيانغا ئۇچرىغان دېسولسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA) غا قارىتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن DNA بولغان زىيىنى خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتكۈچە توختىماستىن توپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەچ بولغاندا، بېلىق ئۇخلىغاندا، خىروموسومانىڭ ھەرىكىتى كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى بىراقلا ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزى زىيانغا ئۇچرىغان DNA ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىدۇ. كەچتە، ئەگەر بېلىق ئىدىشىنى كۆپ ئۇرۇپ، ئۇنى ئۇخلىغىلى قويماي، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بېلىق ئۆلۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

بۇ بايقاش كىشىلەرگە ئۇيقۇنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتى، قېرىشى ۋە ھەر خىل ئورگانىزملارنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-5 23:01 , Processed in 0.158590 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش