Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىلىپ-بىلمەي سەمىرىپ كېتىشىڭىزنىڭ 8 سەۋەبى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

96

تېما

96

يازما

364

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
364

  • سەمرىش ئەلۋەتتە چۈشلۈك تاماق تاللاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك


غەربچە تېز تاماقلارنى تاللاش: بىر ۋاخ تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر كۈنلۈك بەدەن ئېھتىياجلىق ئىسسىقلىق مىقدارىدىن كۆپ بولىدۇ.

بىر گرام ماي 9 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ياغدا پىشۇرۇلغان ۋە مايدا پىشۇرۇلغان گۆشلەرنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلغان غەربچە تېز تاماقلارنىڭ ماي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، شۇڭا تېز تاماقلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياغنى نەچچە يۈز گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قايتا-قايتا قورۇغاندا، ئەسلىدە بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددا بولغان ياغ كىسلاتاسى ئوكسىدلىنىپ بەدەنگە زىيانلىق زەھەرلىك مايغا ئايلىنىدۇ، بۇلا ئەمەس، گۆش، مېۋە-چېۋە ۋە بەش خىل دانلىق زىرائەتنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار يەنە بىر جەھەتتىن كۆيدۈرۋېتىلگەندىن كېيىن، راك پەيدا قىلغۇچى زەھەرلىك ماددىغا ئايلىنىپ، قېرىغاندا تۈز ئۈچەي راكى ياكى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

كۆرگەنسىز، غەربچە تېز تاماقلارنىڭ شۇنچە كۆپ زىيانلىق تەرەپلىرى بار، ئورۇق، ساغلام بولۇش ئۈچۈن بىز ئورۇقلىغۇچىلار قانداقلا بولمىسۇن ئاچكۆزلۈك قىلساق بولمايدۇ.

جۇڭگوچە تېز تاماقنى تاللاش: ھەرگىزمۇ مۇتلەق ساغلام دېگىلى بولمايدۇ.

غەربچە تېز تاماقلارنىڭ ئىسسىقلىقى ئادەمنى قورقىتىدۇ، جۇڭگوچە تېز تاماقلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى بولۇشى ناتايىن، ئادەتتىكى تېز تاماقخانىلار قورۇمىلارنىڭ تەمىنى ئاشۇرۇش، خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، قورۇما قورۇغاندا ماينى كۆپرەك ئېشلىتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى يەنىلا سۈپەتسىز ماي. بىر كىشىلىك ئادەتتىكى قوۋۇرغا گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەخمىنەن يەتتە-سەككىز يۈز كىلوكالورىيە بولىدۇ. بىر قاچا بىر قەدەر مايلىق قوۋۇرغا چۆپىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىر كىلوكالورىيەگە يېتىدۇ.

7-11 قۇتىلىق تاماق، ياخشى قورۇما، ساندۋىچ قاتارلىقلار چۈشلۈك تاماقتا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان يېمەكلىك، لېكىن تەمىدە ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىلمىغان، ھېچقانداق پەسىل ئالماشمايدۇ، شۇڭا بۇ بىر نۇقسان. ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەقەت قورساقنى تويغۇزالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ، ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ياخشى دۈملەنگەن گۆشنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقەتەن ئادەتتىكىچە. بولۇپمۇ ئىچىدىكى شورپىنى ئەڭ ياخشىسى ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. ئاندا-ساندا يېسىە بولىدۇ.

2. ئاچلىق تۇيغۇسىنى كونترول قىلىش

ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بەدىنىدە بىر خىل لېپتىن بار بولۇپ، سېمىزلىككە قارشى تۇرغۇچى فاكتور دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاچلىق تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئاساسلىق ھورمۇن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ يېمەكلىككە بولغان قىزىقىشىمىزنى تىزگىنلەيدۇ. لېپتىن كەمچىل كىشىلەر بارلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ يەيدۇ، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا دەرىجىدە سېمىز بولۇپ قالىدۇ.

3. كېسەلدىن ساقايغاندىن كىيىن بىراقلا سەمىرىپ كېتىش

ئېغىر كېسەل ئەمدىلا ساقايغاندا، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش جەريانى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىشتىھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ، ئىلگىرى ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغانلارمۇ دائىم كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلايدۇ. تاشقى زەخمە، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن كېيىن ئەگەر كۈتۈنۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، يېمەك-ئىچمەك زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەرىكەت بەك ئاز بولسا شۇنىڭ بىلەن سەمىرىپ كېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ياخشى يەپ، ياخشى ئارام ئېلىش پەقەت سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىي شەرتى، ھەرگىزمۇ بىردىنبىر شەرت ئەمەس، ھەرىكەتنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە كېسەلدىن كېيىنكى سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. كېسەل بولغاندىن كېيىن، ئىشتىھاسى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغاندا، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

4. بەزىدە بەك كىرىشىپ كەتسە، ئەكسىچە بەك سەمرىپ كېتىدۇ

بىز ئورۇقلىغاندا دائىم ئۆزىمىزگە تۆۋەندىكىدەك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىمىز: ھەر كۈنى 30 قېتىم قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ئىشلەش، تاماق مىقدارىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىش، بىر ئاي ئىچىدە چوقۇم بەش كىلوگىرام ئورۇقلاش كېرەك، مۇشۇنداق پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئورۇقلىماقچى بولىمىز.مانا بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى،زىيادە بېرىلىپ ئورۇقلاش مەغلۇبىيەتنىڭ تۈپ سەۋەبى، پەقەت ئازادە كەيپىيات بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئازادە كەيپىيات بىلەن گىمناستىكا ئويناش ياكى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ئاندىن تولۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىماڭ، ئەمەلىيەتتە سىزمۇ بىلىسىز، ئورۇقلاش ئاسان ئەمەس، ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

5. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ

تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ھەر خىل جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇخلاش ۋاقتى ئاستا-ئاستا مەھرۇم بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم بەدىنىنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا قاندىكى لېپتىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بۇ خىل ئاقسىلنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭ بەدەننىڭ يېتەرلىك يېمەكلىك بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئادەم ئۇخلىغاندا قورسىقى ئاچسىمۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ بىر نەرسە يېمەيدۇ. ئەمما تۈنىگەندە، قورساق ئاسانلا ئاچلىق ھېس قىلىپ، بىلىپ-بىلمەيلا ئارتۇق ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىدۇ.

6. ۋىرۇس ياغنى كۆپەيتىدۇ

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، زۇكام ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ خىل ۋىرۇس بەدەندىكى ياغ ھۈجەيرىلىرىنى تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىدىكەن.

7. ئۆزگەرگەن تەنچىلەر بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئەنگلىيە ئالىملىرى بەدەندىكى ماي مىقدارىنى تەڭشەيدىغان بىر خىل گېن ۋارىيانتىنى بايقىدى. بۇ خىل گېن ۋارىيانتىغا ئىگە كىشىلەر بۇ خىل گېن ۋارىيانتى بولمىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 كىلوگىرام ئېغىر بولىدۇ.

8. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن سەمرىپ كېتىدۇ

بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە %73 خىزمەت سورۇنىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەسى بولمايدۇ. خىزمەت سورۇنىدا ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ۋە تورغا تايىنىپ خىزمەتداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، باشقا خىزمەتداشلارنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئىشنى مۇزاكىرە قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىش سەمىرىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم سىرتتا چۈشلۈك تاماق يېيىش سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، چېنىقىش ئۆيىگە بېرىپ ھەرىكەت قىلىشى ياكى ئاددىيلا ئۆزى تەييارلىغان ساغلام چۈشلۈك تاماقنى يەپ، ئاندىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىشى كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە پايدىلىق ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلالايدۇ. خىزمەتچىلەر بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن ھەل قىلىدۇ، ئەمما ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر ئورۇقلاشنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىلى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: خىزمەت ۋاقتىدا ئەڭ ياخشىسى بىر بوتۇلكا سۇنى ئۈستەلگە قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ ئىچىپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىشتەك ناچار ئادەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك، بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.


0

تېما

1

يازما

4

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
4
دىۋان
ۋاقتى: 2025-5-2 02:16:26 | ئايرىم كۆرۈش

Guatemala to increase deportation flights from US carrying migrants from other c

Guatemala has pledged a 40% increase in deportation flights carrying Guatemalans and migrants of other nationalities from the United States, President Bernardo Arevalo announced Wednesday during a press conference with US Secretary of State Marco Rubio.
kra34.at
Guatemala has also agreed to create a task force for border control and protection along the country’s eastern borders. The force, composed of members of the National Police and army, will be tasked with fighting “all forms of transnational crime,” Arevalo said.
кракен рабочий сайт
Foreign nationals who arrive in Guatemala through deportation flights will be repatriated to their home countries, Arevalo said, adding that the US and Guatemala would continue to have talks on how the process would work and how the US would cooperate.
kra50 at
Arevalo also said that Rubio has voiced his support for developing infrastructure projects in the Central American nation. He added that his government would send a delegation to Washington in the coming weeks to negotiate deals for economic investments in Guatemala – which he said would incentivize Guatemalans to stay in their home country and not migrate to the US.

Arevalo said Guatemala has not had any discussions about receiving criminals from the US as El Salvador’s president has offered. He also insisted his country has not reached a “safe third country” agreement with the United States, which would require migrants who pass through Guatemala to apply for asylum there rather than continuing to the US.
kra48 at
https://kra-37at.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-5-15 06:02 , Processed in 0.106101 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش