Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2197|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قان ئازلىقنى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

اياللاردىكى قان ئازلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا ئاياللاردا قان ئازلىق كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

1. يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش

قان ئازلىق پەيدا بولغاندا يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەركىبىدە ئاقسىل، تۆمۈر، ۋىتامىن ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش، يەنى چىلان، لۇڭيەن، ياڭاق، دولانە، تۇخۇم، پالەك، قارا كۈنجۈت، قارا شېكەر، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك، چۈنكى بۇلار بەدەنگە قان تولۇقلايدۇ.

2. بەدەن چېنىقتۇرۇش

بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش، يوگا مەشىق قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇللىرى بەدەنگە ناھايىتى پايدىلىق، بولۇپمۇ ھەر كۈنى خىزمەت قىلىدىغانلار دەم ئېلىشقا، كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، زىيادە چارچاش سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

قايسى كۆكتاتلارنىڭ قان تولۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى؟

1. پىياز

پىياز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار، قاندىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، بەدەندىكى ئەزالارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىياز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سىنىك بار بولۇپ، تېز سۈرئەتتە قان تولۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

2. يۇمىلاق يېسسىۋېلەك

ئاياللار تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك، يۇمىلاق يېسسىۋېلەك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C بار بولۇپ، ئېنېرگىيە تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى زەھەرلەرنى تازىلايدۇ، تېرىنى سۈزۈلدۈرۈپ ئاقارتىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ بەدەن سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

3. لامنارىيە

لامنارىيە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مىنېرال ماددىلار بار، گەرچە لامنارىيەنىڭ تەبىئىيتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بەكلا كۆپ، ئاياللار لامنارىيەنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەنگە قان تولۇقلايدۇ، بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاپ، بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ.

4. سەۋزە

سەۋزە تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن A بار، تېرىگە سۇ تولۇقلاشتا ۋىتامىن A كەم بولسا بولمايدۇ، ۋىتامىن A تېرىنى ياخشىلاشتىن باشقا يەنە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

5. سۆسۈن كاپۇستا

سۆسۈن كاپۇستا تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن E، ۋىتامىن B ۋە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، بۇ ماددىلار بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلاپ بەدەننى ئورۇقلىتىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 02:58 , Processed in 0.130707 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش