Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1407|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 10 چوڭ سەۋەب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

قېرىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ لېكىن كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. قېرىشقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتۇر. بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۇرمۇشتا چوقۇم ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، تۆۋەندىكى ناچار ئادەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك:

بىرىنچى سەۋەب: كۈن بويى غەمكىن يۈرۈش

ھەر كۈنى غەمكىن يۈرگەندە، تېرە ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، بالدۇر قورۇق چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۈز قىسمىدىكى «غەم ئىزى» نى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈلكە كەم بولسا بولمايدۇ، كەيپىياتنىڭ مۇقىم بولۇشى ئىچكى ئاجراتما تەڭپۇڭلۇقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

ئىككىنچى سەۋەب: تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق

تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق تېرە ساغلاملىقىنىڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەڭشەش پائالىيەتلىرى نورمالسىزلىشىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئاز دېگەندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك، ئەگەر بۇ سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا، ئۆزىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى قايتىدىن مۆلچەرلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى ئاسانلا تېرىدە، بولۇپمۇ يۇمران كۆز قىسمىدا ئەكىس ئېتىدۇ. قېنىپ ئۇخلاش تېرىنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەڭشەش ھەرىكىتىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

ئۈچىنچى سەۋەب: دائىم ئاپتاپتا تۇرۇش

ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى كۆپ سۈمۈرۈشنىڭ زىيىنى كۆپ، يېنىك بولغاندا تېرە قارىداپ توملىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېرە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ ئەلۋەتتە تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىدىكى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى. چۈنكى، قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئېلاستىك تالا ۋە كوللاگېن ئاقسىلىنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرۈپ، يۈز تېرىسىنىڭ بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەلا سۈپەتلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى سەۋەب: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش

نىكوتىننىڭ تېرە قان تومۇرلىرىنى تارايتىش رولى بار، شۇڭا بەڭگىلەرنىڭ تېرىسىدە قورۇق پەيدا بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا 10 يىل بۇرۇن بولىدۇ، ئەگەر سىز تاماكا چەككۈچى بولسىڭىز، قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەردىن 10 ياش چوڭ كۆرۈنىسىز. ھاراق ئىچىش تېرىدىكى ماي مىقدارىنى ئازايتىپ، تېرىنى سۇسىزلاندۇرۇپ، تېرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا ۋاسىتىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.

بەشىنچى سەۋەب: چىراي ئىپادىسى بەك مول بولۇش

دائىم كۆزىنى قىسىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، قاتتىق كۈلۈپ، ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەسلىك كېرەك، بۇ ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىلىرى يۈز قىسمىدىكى قورۇقنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يۈز ھەرىكىتى ۋە زىيادە چىراي ئىپادىسىنى ئازايتىش كېرەك.

ئالتىنچى سەۋەب: سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك

سۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. يېتەرلىك سۇ تەركىبىنى ۋاقتىدا تولۇقلاش تېرە ئاسراشنىڭ ئاچقۇچى. ئەگەر سۇ تەركىبى يېتەرلىك قوبۇل قىلىنمىسا، ماينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماي، تېرە ئاسانلا سۇسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى چوقۇم ئۆزىنى 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىشكە زورلاش كېرەك، لېكىن كوففېئىن ئىچىملىكى ئىچمەسلىك كېرەك.

يەتتىنچى سەۋەب: ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسلىك

مۇۋاپىق ھەرىكەت پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇسكۇلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە بوشىتىپ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن بەدەننى كۆپ مىقداردا تەر ئاققۇزۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، مۇسكۇل ساغلاملىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مۇسكۇلنىڭ قېرىشنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىدۇ. شۇڭا دائىم چېنىقىش كېرەك.

سەككىزىنچى سەۋەب: گىرىمنى پاكىز تازىلىماسلىق

بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر سادىر قىلىدىغان خاتالىق. پەقەت يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن تېرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلىغىلى بولمايدۇ. كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان كىرلەرنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ، تېرىنىڭ نورمال نەپەسلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم قەرەللىك ھالدا چوڭقۇر قاتلاملىق يۈز تازىلاش خىزمىتىنى ئىشلەپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

توققۇزىنچى سەۋەب: مۇۋاپىق بولمىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش

سىز راستتىنلا تېرىڭىزنى چۈشىنەمسىز؟ پەقەت ئۆزىنىڭ تېرىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىلا ئاندىن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى توغرا تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

ئونىنچى سەۋەب: غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش

غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر، ئاچچىق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر تېرىگە نىسبەتەن زىيانلىق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتقاندىلا، ئاندىن ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، يوشۇرۇن يارا ۋە مايلىق تېرە پەيدا قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مېۋە-كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار تېرىگە ناھايىتى پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە-كۆكتاتلارنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تەبىئىي يۈز چاپلىقى ياسىغىلى بولىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى تېزدىن مۇۋاپىق تەڭشەڭ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:09 , Processed in 0.118764 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش