Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1314|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دائىم كۆرۈلىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326


1. يۇقىرى قان بېسىم

يۇقىرى قان بېسىم دائىم كۆرۈلىدىغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش، شۇنداقلا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق ئېغىر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش ياكى ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا چەك قويۇش كېرەك، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئالتە گىرامدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاراق ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل.

2. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى

تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا يۈرەك قىسمى ئاغرىش، كۆكرەك سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، يۈرەك تىقىلمىسى پەيدا بولۇشى، ھەتتا بىمارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۈچ يۇقىرى (قاندىكى ماي، يۇقىرى قان بېسىم، قان قەنتى زىيادىلىشىش)نى ياخشى كونترول قىلىپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقىم كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك، چۈنكى روھىي جەھەتتىن زىيادە جىددىيلىشىش قاتارلىق كەيپىيات ئۆزگىرىشىمۇ يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

3. يۈرەك سانجىقى

يۈرەك سانجىقىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق مۇددەتلىك تاجسىمان يۈرەك كېسىلىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يۈرەك سانجىقىمۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ بېشارىتى، ئەگەر ۋاقتىدا پەسەيتىلمىسە، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك، ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى ئاز دېگەندە 7~8 سائەتكە يېتىشى، ئەڭ مۇھىمى تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، چۈنكى تاماكا چەككۈچىلەردە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

4. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ئەسلىگە كەلمەيدىغان زەخىملىنىش بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك يۈرەك مۇسكۇلى ئۆلۈش (نېكروزلىنىش)نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچمەسلىك ياكى تاماكا چەكمەسلىك، زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىپ، تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، مەسىلەن، سېمىز گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك سانجىقى ۋە يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بولۇپ، بىمارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھەم يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، مەيلى بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسۇن ياكى كۆرۈلمىسۇن، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 00:03 , Processed in 0.139220 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش