Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5554|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چاچ بالدۇر ئاقىرىش بۇ بەش خىل سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىشىلىك ھايات سەپىرىدە، چاچنىڭ ئاقىرىشى ھەمىشە يىللارنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىۋاسىتە بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. قارا چاچتىن ئاستا-ئاستا كۈمۈش رەڭگە ئۆتۈش جەريانى پىگمېنتنىڭ يوقىلىشى بولۇپلا قالماي، يەنە ھاياتلىقنىڭ سىرى. ئۇنداقتا، چېچىمىزنىڭ قارا رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى؟

ئاق چاچ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى نېمە

1. قارا پىگمېنتنىڭ ئازىيىشى:تۈپ سەۋەبى

چاچنىڭ رەڭگىنى ئاساسلىقى قارا پىگمېنت بەلگىلەيدۇ، بۇ بىر خىل پىگمېنت ئاقسىلى بولۇپ، تۈك خالتىسى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. قارا پىگمېنت ھەقىقىي قارا پىگمېنت (قارا ياكى قېنىق قوڭۇر رەڭ ھاسىل قىلىدۇ) ۋە قوڭۇر قارا پىگمېنت (قىزىل ياكى سېرىق رەڭ ھاسىل قىلىدۇ) دەپ ئايرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ نىسبىتى ۋە تارقىلىشى چاچنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەڭگىنى بەلگىلەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تۈك خالتىسىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىنىپ، پىگمېنت ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چاچنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ جەريان تەبىئىي قېرىشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدۇ.

2. ئىرسىيەت ئامىلى:يەككە پەرقنىڭ مەنبەسى

ئىرسىيەت شەخسنىڭ قاچان ئاق چاچ پەيدا بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزىلەرنىڭ ياش ۋاقتىدىلا روشەن ئاق چېچى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ئۇزۇن مەزگىل قارا چېچى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى گېننىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى ۋە ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كۆپ خىل گېن ئورنى بالدۇر تۇغۇلغان ئاق چاچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

3. مۇھىت ئامىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى

گەرچە ئىرسىيەت ۋە ياش ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولسىمۇ، لېكىن مۇھىت ئامىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئاق چاچنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ئۇلترا بىنەپشە نۇر، خىمىيەلىك ماددىلار (مەسىلەن، چاچ بويىقى)، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بېسىم، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئامىللار قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى تېزلىتىپ، چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكسىچە، تەڭپۇڭ بولغان يېمەك-ئىچمەك، ۋىتامىن D ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشى، خىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئىسسىق شامالدا چاچ قۇرۇتۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش، شۇنداقلا بېسىمنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كېچىكتۈرۈشكە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن بىر جەريان.

4. ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر

بەزى ئەھۋاللاردا، ئاق چاچ ئالاھىدە ساغلاملىق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئۆزىدىكى ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر (مەسىلەن، ئاق كېسەل)، بۇ خىل كېسەللىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەز كېسەللىكى، ۋىتامىن B12 كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ چاچنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

5. پىسخىكا ۋە تۇرمۇش ئامىللار

گەرچە بىۋاسىتە فىزىيولوگىيەلىك ئىسپات كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك روھىي بېسىم، تەشۋىشلىنىش ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاق چاچنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋاسىتىلىك تېزلىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ساغلاملىقىمىزغا نۇرغۇن جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە چاچنىڭ رەڭگىمۇ بار.

ياشلىق باھارىنى قوغلىشىش سەپىرىدە، قاپقارا، چىرايلىق چاچنى ساقلاش بىر مۇھىم نىشان. لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر چېچىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقاتقانلىقىنى، ھەتتا ئاق چاچ ئۆسۈشكە باشلىغانلىقىنى بايقايدۇ. گەرچە ياش ۋە ئىرسىيەت ئاق چاچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بۇ تەبىئىي جەرياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېچىكتۈرۈشكە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ. تۆۋەندە ئاق چاچنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز، ئوزۇقلۇق يېمەكلىكىنى ئاقىلانە تاللاش ئارقىلىق، چېچىڭىزغا ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.

ئاق چاچنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە يېيىش كېرەك

1) ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەر

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئەركىن رادىكاللارنىڭ زىيىنىغا قارشى تۇرىدىغان مۇھىم ماددىلار بولۇپ، ئۇلار ھۈجەيرىلەرنى ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىدىن قوغداپ، قېرىش جەريانىنى ئاستىلىتىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر، بۆلجۈرگەن، ئەينۇلا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە ئۇرۇقلار (مەسىلەن، ئۆرۈك مېغىزى، كاۋا ئۇرۇقى، زىغىر ئۇرۇقى) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ئېسىل مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل چاي ۋە قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلار (مەسىلەن پالەك، كاللەكبەسەي)دىكى چاي پولىفېنولى ۋە كاروتېنوئىدلارمۇ كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.

2) تەركىبىدە مىس ۋە تۆمۈر مول بولغان يېمەكلىكلەر

مىس بىلەن تۆمۈر قارا پىگمېنتنى بىرىكتۈرىدىغان مۇھىم مىنېرال ماددا بولۇپ، ئۇلار چاچنىڭ رەڭگىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. تۆمۈر كەملىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مىس بولسا قارا پىگمېنتنىڭ ھاسىل بولۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ. قىزىل گۆش، جىگەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى (مەسىلەن، ئوستېر قۇلۇلىسى، قىسقۇچپاقا گۆشى)، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر (مەسىلەن، قارا پۇرچاق، يېسسىمۇق)، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار مىس ۋە تۆمۈرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلغاندا، بەدەنگە كېرەكلىك مىنېرال ماددىلارنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3) ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر

چاچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئاقسىل، بولۇپمۇ مۈڭگۈز ئاقسىلى. شۇڭا، ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشى ۋە ئۇنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. تۇخۇم، بېلىق (مەسىلەن، سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى)، سۈت مەھسۇلاتلىرى (مەسىلەن، سۈت، قېتىق)، ئورۇق گۆش ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ ياخشى مەنبەسى. يېمەك-ئىچمەكتىكى ئاقسىلنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش چاچنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇپ، ئۈزۈلۈپ كېتىش ۋە چۈشۈپ كېتىشنى ئازايتىدۇ، بۇ ئارقىلىق چاچ رەڭگىنىڭ ساقلىنىشىنى ۋاسىتىلىك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4) تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار مول بولغان يېمەكلىكلەر

B تۈردىكى ۋىتامىنلار، بولۇپمۇ ۋىتامىن B6، B12 ۋە يوپۇرماق كىسلاتاسى چاچنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇلار ھۈجەيرىنىڭ ئېنېرگىيە مېتابولىزمىغا قاتنىشىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. دانلىق زىرائەت، سۇلۇ، بانان، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، گۆش ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھەممىسى B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ مول مەنبەسى. بۇ يېمەكلىكلەرنى تەكشى قوبۇل قىلغاندا، چاچنى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

5) ساغلام ماي

يەككە تويۇنمىغان ياغ ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ قاتارلىق ساغلام مايلار يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە باش تېرىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ خىل ساغلاملىق مايلىرى مول بولغان يېمەكلىكلەردىن زەيتۇن مېيى، ئۆرۈك، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئۇرۇق ۋە بېلىق تۈرلىرى (مەسىلەن، سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى) قاتارلىقلار بار. مۇۋاپىق مىقداردا ساغلام ماي قوبۇل قىلغاندا، چاچنى زۆرۈر ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنى تېخىمۇ ساغلام، پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ.

خۇلاسە:ئاق چاچنىڭ شەكىللىنىشى مۇرەككەپ كۆپ ئامىللىق جەريان بولۇپ، كۆپ قاتلامغا چېتىلىدۇ. گەرچە بىز بۇ تەبىئىي جەرياننى پۈتۈنلەي توسۇپ قالالمىساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مېخانىزمنى چۈشىنىش ئارقىلىق، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى ياخشىلاش، چاچ ساغلاملىقىنى قوغداش، بېسىمنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللانساق بولىدۇ. تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاكتىكا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەرلىك ئۇخلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، خىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىسسىق شامالدا چاچ قۇرۇتۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاشمۇ چاچنىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاشقا پايدىلىق.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 05:54 , Processed in 0.112083 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش