Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5517|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دائىم يېرىم كېچىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئويغىنىپ كېتىش زادى نېمە سەۋەبت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

سىز مۇنداق بىر ئىشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ: مەيلى كېچىدە ھاجەتخانىغا چىقىش بولسۇن ياكى باشقا سەۋەب بولسۇن دائىم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئويغىنىپ كېتىسىز.

دائىم دېگۈدەك ئويغىنىپ كېتىش تاسادىپىيلىقمۇ ياكى سالامەتلىكىدىن چاتاق چىققانمۇ؟

يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتسىڭىز، ئالدى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبنى تەكشۈرۈش كېرەك

مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، 40~50 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى ئىچىدە،%12.7 ئادەم بىر ھەپتىدە يېرىم كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئويغىنىدىكەن؛ 60 ياشتىن كېيىن بۇ نىسبەت%21.2 كە يېتىدىكەن.

يېرىم كېچىدە ئويغىنىش، بەلكىم تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋال.

ۋاقتىدا تەڭشىگەندىن كېيىن، ئادەتتە كېچىدە ئويغىنىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.


بەك بالدۇر ئۇخلاش

قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 7~8 سائەت ئۇخلىشى كېرەك؛ ياشانغانلارنىڭ مېڭە مېتابولىزمى ئاستىلايدۇ، ئادەتتە 5~7 سائەت ئۇخلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەك بالدۇر ئۇخلاپ كەتسە، مەسىلەن، كەچ سائەت سەككىز-توققۇزلاردا ئۇخلاپ قالسا، تەبىئىي ھالدا كېيىنكى يېرىم كېچىدە ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىدۇ.


چۈشتە بەك ئۇزۇن ئۇخلاش

چۈشتە ئۇخلاش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، كېچىدە چوڭ مېڭىنىڭ چوڭقۇر ئارام ئېلىش ۋاقتى قىسقىراپ، ئادەم يېرىم يولدا ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى بالدۇر ئويغىنىپ كېتىدۇ.


ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى

ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، ئۇيقۇغا تەييارلىق قىلىدۇ. ئەگەر ئۆي تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە ياكى يوتقان مۇۋاپىق يېپىلمىسا، ئادەم ئاسانلا يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ.


سۇنى كۆپ ئىچىش

ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇ ئىچسە، ئاسانلا كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ-دە، تەبىئىيلا ئۇيقۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇسسىغاندا 250 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.


كارىۋاتتا بەك ئۇزۇن يېتىۋېلىش

ياخشى ئۇخلىيالماسلىقتىن قورقۇپ، بالدۇرلا كارىۋاتتا يېتىش؛ ياكى پسىخىكا جەھەتتە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك دەپ تەكىتلىەش، بۇلار پەقەت بېسىمنى ئاشۇرۇپ، يېرىم يولدا ئويغىنىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ.


ياشنىڭ چوڭىيىشى

ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇخلاش ۋاقتى تەدرىجىي قىسقىرايدۇ، ياپونىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىچە، 25 ياشقا كىرگەندە سەككىز سائەت، 65 ياشقا كىرگەندە ئالتە سائەت، 80 ياشقا كىرگەندە بەش سائەت كېتىدىكەن.

ئەلۋەتتە، يېرىم كېچىدە دائىم ئويغىنىپ كېتىشنى بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن :

خامۇشلۇق كېسىلى، ئاسانلا ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش ۋە بالدۇر ئويغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

دىيابېت كېسىلى، بەلكىم كېچىدە ئاچلىقتىن ئويغىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؛


قالقانسىمان بەز زىيادە جانلىنىپ كەتسە، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشى تېز كۆپىيىپ، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش كېلىپ چىقىدۇ؛

ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچنىڭ تەتۈر ئېقىشى ئادەمدە يۈرەك سانجىقى، سېرىق سۇ يېنىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىدە ئاسانلا ئېغىرلىشىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

نېمىشقا دائىم ئوخشاش ۋاقىتتا ئويغىنىپ كېتىسىز؟

ئادەتتە سائەت نۆلدىن بۇرۇن ئويغىنىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ بولمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر يېرىم كېچىدىن كېيىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. جوۋ لىخۇا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېرىم كېچىدىن كېيىن سائەت 1~3، 3~5 لەردە ئويغىنىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.

كېيىنكى يېرىم كېچىدە سائەت بىردىن ئۈچكىچە ئويغىنىپ كېتىش

جۇڭيى تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاساسلىقى جىگەردىكى قاننىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. جىگەر قېنى روھنى ئۇرغۇتىدۇ، جىگەر قېنى يېتەرلىك بولغاندىلا، ئاندىن ياخشى ئۇخلىغىلى، پۇختا ئۇخلىغىلى بولىدۇ. جىگەرگە قان يېتىشمىسە، چۈش كۆپ، ئۇيقۇ چوڭقۇر بولمايلا قالماستىن، يەنە ئاسانلا يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئادەم ئويغانغاندىن كېيىن ناھايىتى چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، ھەمىشە ھارغىن ھېس قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىلدىكى كىشىلەردە دائىم ئاچچىقلىنىش، ئىچى سىقىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى

ئۇۋۇلاش، جىگەر جىڭلوسىنى چېكىش ياكى قىرىش ئارقىلىق جىگەر جىڭلوسىنى غىدىقلاپ، ئۇنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: دۈم يېتىپ، ئىككى پۇتنى سەل-پەل تۈگۈپ، ئىككى پۇتنىڭ ئالقىنى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپى تەبىئىي ھالدا ئۇدۇل تەرەپكە جايلاشقان بولىدۇ. ئالىقان ياكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ياردىمىدە يوتىنىڭ تۈۋىدىن باشلاپ، تاكى تىز بوغۇمىغىچە ئۇرۇش كېرەك.

كۈچنى كىچىكتىن چوڭغا ئۆزگەرتىش، كۈچنى ئۆزى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دائىرىدە كونترول قىلىش كېرەك. جىگەر قېنىنى بويلاپ قىرىش ئوخشاشلا راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

سەھەر سائەت 3~5 لەردە ئويغىنىپ كېتىش

بۇ ۋاقىت ئادەم بەدىنىدىكى ئۆپكە جىڭلوسىغا قان تولۇپ تاشقان ۋاقىت، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئاسان ئويغىنىدۇ، بۇ ئۆپكە مەنپىيلىكى ئازجىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭيى تېبابىتىدە، ئۆپكە تەننى ساقلايدۇ، پەقەت بەدەندىكى ئۆپكە مەنپىيلىكى يېتەرلىك بولغاندىلا، ئاندىن تەننى ئوزۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ، دېيىلىدۇ. ئەگەر ئۆپكە جىڭلوسىغا قان يېتىشمىسە ياكى راۋان بولمىسا، سەھەر سائەت 3~5 لەردە ئاسانلا بالدۇر ئويغىنىپ كېتىدۇ ياكى ئويغانغاندىن كېيىن ئۇخلىيالمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كىشىلەردە دائىم يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە ئاسانلا تەرگە چۆمۈلىدۇ، بەزىلىرىدە ھەتتا تېرىسى يىرىكلىشىش، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى

ئۆپكە جىڭلوسىنىڭ ئايلىنىش يولىدا، ئۇرۇپ ياكى قىرىپ تاشلىسا، ئۆپكە جىڭلونى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئالىقاننى يۇقىرىغا قارىتىپ، بىلەكنى بوشىتىپ تەكشى كۆتۈرۈش، يەنە بىر قولنى قۇرۇق مۇشت بىلەن تۇتۇپ، ئۆپكە جىڭلوسى ئايلىنىدىغان جاينى 3~5 قېتىم يېنىك ئۇرۇپ، لىنىيەدىكى روشەن ئاغرىق نۇقتىلىرىغا نۇقتىلىق زەربە بېرىش ياكى قىرىش تاختىسى بىلەن قىرىش.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 06:01 , Processed in 0.128722 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش