Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2721|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاشقازان راستتىنلا جىق يېسە چوڭىيىپ، ئاز يېگەنسېرى كىچىكلەمدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

نۇرغۇن ئورۇقلايدىغانلار بىرىنچى قەدەمدە ئۆزىنى ئاچ قويۇشنى ئويلايدۇ، بۇنداق قىلسا ئاچلىقتىن ئاشقازان كىچىكلەپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر شۇنى بايقايدۇ:

كۆپ يېگەنسېرى ئىشتىھاسىمۇ بارغانسېرى ئېچىلىدۇ. بىر نەچچە ۋاق تاماقنى ئاز يېسە، تاماق مىقدارىمۇ تەڭ ئازىيىدۇ.

ئاشقازان راستتىنلا جىق يېسە چوڭىيىپ، ئاز يېگەنسېرى كىچىكلەمدۇ؟ ئەجەبا بىزنىڭ ئاشقازىنىمىز ھەقىقەتەن شارغا ئوخشاش جىق يېگەنسېرى بارغانسېرى كۆپۈپ، قورسىقىمىز ئاچقانسېرى كىچىكلەپ كېتەمدۇ؟ بۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن...

ئاشقازان راستىنلا شارغا ئوخشاش يوغىناپ كىچىكلەمدۇ؟

ئاشقازان كۆپ قەۋەتلىك مۇسكۇللاردىن تەركىب تاپقان، يېمەكلىك ساقلايدىغان، ھەزىم قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، ئادەتتە بىر خىل يېنىك دەرىجىدە قىسقىراش ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئاشقازاننىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى مۇسكۇللار ناھايىتى كۈچلۈك سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئاشقازاننىڭ كېڭىيىشىنى ئاساسلىقى سىرتقى قەۋەتتىكى مۇسكۇللار كونترول قىلىدۇ.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئادەم ئاچ قورساق ھالەتتە، ئاشقازان سىغىمى تەخمىنەن 50-100 مىللىلىتىر بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئوزۇقلانغاندا ئاشقازان سىغىمى 1200-1600 مىللىلىتىرگە يېتىدۇ، ھەتتا 2000 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ. ئاچ قورساق ھالەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاشقازان سىغىمى 20 ھەسسىگە يېقىن پەرقلىنىدۇ.

ئەمما، ئاشقازاننىڭ قىسقىرىش خۇسۇسىيىتى ئاشقازاننىڭ جىق يېگەنسېرى چوڭلاپ، ئاچقانسېرى كىچىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنداقتا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن تاماققا چەك قويغاندىن كېيىن ئاشقازان كىچىكلەپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ؟

بىر مەزگىل تاماققا چەك قويغاندىن كېيىن ئاشقازان كىچىكلەپ كېتەمدۇ؟

يېمەكلىك ھەزىم بولۇپ ئاشقازان بوشىغاندىن كېيىن، ئاشقازاننىڭ ئاچ قورساق ھالەتتىكى ھالىتى ئەسلىگە كېلىپ، يېنىك تارىيىشنى ساقلايدۇ. سىز قانچە ئاز يېگەنسېرى ئاشقازىنىڭىز شۇنچە كىچىكلەپ كەتمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىز بۇيرۇق چىقىرىپ سىزنىڭ ئاچلىق تۇيغۇڭىزنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، ئىشتىھانىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە نوقۇل ھالدا ئاشقازان سىغىمچانلىقىغا قارىماسلىق كېرەك، قانچىلىك يېيىش ئاشقازان ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسى ئارىسىدىكى نېرۋىلارنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كۆپ يېگەندە ئاشقازان ۋاقىتلىق چوڭىيىدۇ، يېمەكلىكلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاشقازان ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ. لېكىن، ئومۇمىي سىغىمى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، ئاشقازان يېگەنسېرى چوڭىيىپ كەتمەيدۇ، ئاچقانسېرى كىچىكلەپ كەتمەيدۇ.

نېمىشقا بەزى كىشىلەر ھەرقانچە يېسىمۇ سەمىرىمەيدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، «ھەرقانچە يېسىمۇ سەمرىمەيدۇ» دېگەن بۇ ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت يېتەرلىك ئىسسىقلىق مىقدارى بولسىلا سەمىرىپ كېتىسىز. پەقەت سېمىزلىك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى يېسە، ئۇلارنىڭ سەمىرىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

بەزى كىشىلەرنىڭ سەمىرىمەسلىكىنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بەلگىلەيدۇ:

ھەزىم قىلىش سىستېمىسى مەسىلىسى

يېمەكلىكلەر نورمال سۈمۈرۈلمەيدۇ ياكى سۈمۈرۈلۈشى ئازىيىدۇ.

گېن تەسىرى

ئادەم بەدىنىدە سېمىزلىكنى بەلگىلەيدىغان گېن مەۋجۇت. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى سېمىزرەك كىشىلەرمۇ سېمىزرەك بولىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا سېمىزرەك كىشىلەرنىڭ چوڭ بولغاندا سەمىرىپ كېتىش نىسبىتىمۇ چوڭىيىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك، دەم ئېلىش ئادىتى

ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق مىقدارى، ماي تەركىبى، قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان كىشىلەرمۇ سېمىزرەك بولىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇزۇن مۇددەت ئۇزۇن ئولتۇرۇش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر سېمىزلىك ئېھتىماللىقىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەنھەرىكەت

دائىم ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى ئاساسىي ماددا ئالمىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدۇ.

شۇڭا، سېمىزلىك بىلەن ئورۇقلۇقنى بەلگىلەشتە گېندىن باشقا، تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇزاق مۇددەت تاماققا چەك قويۇشنىڭ سالامەتلىككە قانداق زىيىنى بار؟

ئۇزاق مۇددەت تاماققا چەك قويۇپ ئورۇقلىسا، ئاسانلا ئەسلىگە قايتىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سالامەتلىككە نۇرغۇن زىيان يەتكۈزىدۇ:

شىللىق پەردە بەز تەنچىسىنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈش، يېمەكلىك كەمچىل بولۇش ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەز تەنچىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، بەز تەنچىسىدە يىگىلەش پەيدا بولىدۇ.

ئۆتكە تاش چۈشۈش

يېمەكلىك كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قېلىپ، سۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كۆپەيتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ.

سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چۈنكى ياغ توقۇلمىسى بەدەندىكى تۇخۇمداندىن باشقا ئانىلىق ھورمۇن ئىشلەيدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، ئانىلىق ھورمۇن كەمچىل بولسا ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئاساسىي مېتابولىزم تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت تاماققا چەك قويۇش بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئاسان سەمىرىدىغان بەدەن ئالاھىدىلىكىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قانداق يېسە ئاشقازاننى قوغدىغىلى بولىدۇ؟

ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئاشقازان ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇنداق قىلساق بولىدۇ:

بەك تويۇپ يېمەسلىك.

زىيادە كۆپ يەپ-ئىچمەي، قورساقنى تويغۇزۇۋالسىلا توختاپ قىلىش كېرەك، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىشى كېرەك.

ئۇزاق مۇددەت كۆپ يەپ-ئىچكەندە، ئاشقازان دىۋارى مۇسكۇللىرى نېپىزلەپ، ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، ئاشقازاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلاپ، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بەك تېز يېمەڭ

تاماق يېيىش سۈرئىتى بەك تېز بولسا، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئاچ قويماڭ.

تاماققا ھەددىدىن زىيادە چەك قويغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەز تەنچىسى ئۇزاق مۇددەت نورمال ئىشلىمىسە، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ئاستا-ئاستا چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بەز تەنچىسى يىگىلەش پەيدا بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك.

قانۇنىيەتلىك يېمەك-ئىچمەك ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنى نىسپىي تۇراقلاشتۇرۇپ، تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلايدۇ.

ئاز ھەم مۇۋاپىق يېگۈڭىز بولسا قانداق قىلىسىز؟

تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىڭ.

تاماقتىن بۇرۇن سۇ ئىچىش قورساق تويغۇزۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

كىچىك چىنە، تەخسە ئىشلىتىڭ.

يېتەرلىك يېسىلا بولىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى كۆپ يېمەڭ.

نۇرغۇن كىشىلەر نەرسە يېگەندە، ھەمىشە كۆز ئالدىدىكى تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا يېيىشتىن بۇرۇن زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىۋالسا كۆپ يەۋېتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:10 , Processed in 0.109111 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش