Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2085|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىش قانچىلىك ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلەم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

يېقىنقى ئىككى ئايدىن بېرى ھەممەيلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ئاشپەزلىك ھۈنەرلىرىمىزمۇ خېلى كامالەتكە يېتىپ قالدى. لەڭپۇڭ، راڭپىزا، تورت، باقالى، قۇيماق، قوتۇرماچ دېگەنلەرنى تەمتىرىمەيلا ئېتەلىگۈدەك بولدۇق. ئاران بىر ئەتكەندە دەپ بىرلا قېتىمدا كۆپرەك ئېتىپ تەييارلىۋالىدۇق. تاماق ۋاقتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن تەييارلىغان تاماقلارنى يوقىتىشنىڭ كويىدا بولدۇق. ئاخىرىدا «بەكلا تويۇپ كەتتىم،قورسىقىم يېرىلىپ كېتەي دېدى.» دېگەن گەپ بىلەن يېيىشنى توختاتتۇق.

بىرەر قېتىم تويۇنۇپ غىزالىنىشنىڭ ئانچە چوڭ زىيىنى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق داۋاملىق تويۇنۇپ غىزالىنىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەرگىزمۇ كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاتماسلىقىدەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. سىزنى قورقۇتقىنىم ئەمەس. تۆۋەندە زىيادە تويۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرنى بايان قىلدۇق، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ.

بىرىنچىسى. سېمىزلىك

بەك كۆپ يېيىشنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك زىيىنى سېمىزلىك. ئادەم زىيادە كۆپ نەرسە ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئېنېرگىيە ئارتىپ كېتىپ ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سېمىزلىك بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئاشقازان كېسىلى

زىيادە تويۇنۇپ غىزالانغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇپ قالىدىغان ۋاقتى ئۇزۇراپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورساق ئېسىلىش، كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئۈچىنچىسى، ئىنكاسى ئاستا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زىيادە كۆپ تاماق يېگەندە ئادەمنىڭ ئىنكاسى ئاستىلاپ دۆتلىشىپ قالىدۇ. ئاشقازان پۈتۈنلەي تاماق بىلەن توشقاندا، قاننىڭ كۆپ قىسمى ئاۋۋال ئاشقازانغا تەمىنلىنىپ ھەزىم قىلىش ۋە ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭىگە بارىدىغان قاننىڭ مىقدارى تەبىئىيلا نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمدە ماغدۇرسىزلىنىش، مۈگدەش، ئىنكاسى ئاستىلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ خىزمەت ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ كېتىدۇ.

تۆتىنچىسى، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كەچتە بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىچىك بالىلارمۇ كەچتە بەك كۆپ تاماق يېسە سەۋەبسىز يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ياشانغانلار تاماقنى كۆپ يەۋالسا بەدىنىنىڭ ئارام ئېلىشى ياخشى بولماي، كېچىدە ئۇخلىيالمايدىغان، كۈندۈزىمۇ روھسىز تۇرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇنغا سوزۇلسا ئوڭايلا خامۇش بولۇپ قېلىش، ئىچى تىتىلداش دېگەندەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەشىنچى، راك بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ.

بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش ھۈجەيرىلەرنىڭ راكلىشىشىنى توسىدىغان ئىرسىيەت فاكتورىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىكەن. ئادەم بەك تويۇپ تاماق يېگەندە ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولۇپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىدىن قالىدىكەن. بۇ راك پەيدا بولۇش نىسبىىتنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

تويۇنۇپ غىزالىنىشنىڭ زىيىنى مانا مۇشۇنداق جىق. ساغلام غىزالىنىش بولسا يەتتە ئۈلۈش تويۇپ غىزالىنىشتۇر. يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئالتە ئۈلۈش تويۇنۇش __ قورسىقىمنىڭ كوركىراشلىرى بېسىقتى، بىراق يەنە يېگۈم بار.

يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇش __ تويدۇم. يەنە ئازراق يېسەممۇ بولىدۇ، يېمىسەممۇ بولىدۇ.

سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇش __ تويدۇم، قورسىقىم لىققىدە بولۇپ كەتتى.

راۋۇرۇس تويغاندا بولسا ئادەمنىڭ قورسىقىغا تىرناقچىلىك بىر نەرسە پاتماس بولۇپ كېتىدۇ.

يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىڭىزمۇ؟

تۆۋەندە ئاشقازان بىئارام بولىدىغان ئەپچىل چارىلەردىن بىرقانچىنى ئېيتىپ بېرەي، ئۆگىنىۋېلىڭ.

  • مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك.


ئۆيدە ئەركىن مېڭىپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ياكى يېنىك ئۆي ئىشلىرىنى مەسىلەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش، ئۆي سۈپۈرۈش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ بەرگەندە ئۈچەي-ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

2. قورساق قىسمىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك.

قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا بولمايدۇ. بولمىسا ئۈچەي يوللىرىدا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك.

3. ياردەمچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىڭ.

4. ئادەتتە تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، ئىككى قولىڭىزنى كىندىكىڭىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ كىندىكنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلاپ بېرىسىز. دەسلەپ كىچىك چەمبەر شەكىلدە ئۇۋۇلايسىز، تەدىرىجىي چوڭايتىپ تاكى قوۋۇرغىنىڭ ئاستىدىن دوۋسۇنغا كەلگىچە يۇمىلاق شەكىلدە ئۇۋۇلايمىز. ئاندىن يەنە چەمبەرنى چوڭ ھالەتتىن بارا-بارا كىچىكلىتىپ كىندىككە كەلگۈچە كىچىكلىگەنگە قەدەر ئۇۋۇلايمىز. بۇ پۈتۈن جەريانغا 6 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. كۈندە ئۈچ تۆت قېتىم قېتىم مۇشۇنداق ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ئاشقازاننىڭ ئاغرىقى پەسىيىدۇ.

5. مۇناسىۋەتلىك پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بېسىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ ئاشقازان ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 02:05 , Processed in 0.130012 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش