ليۇ بوۋاي كۆپ يىللاردىن بۇيان بىر ئادەت يېتىلدۈرگەن، ئۇ بولسىمۇ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇخلاش. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا «ياشىنىپ قالدىڭىز، بۇ ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بولمىسا ئاسان سەمىرىپ كېتىسىز» دەپ نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ليۇ بوۋاي كۈلۈپ قويۇپ: «ئۇنىڭ بىلەن نېمە كارىم، يەپ بولۇپلا ئۇخلاشتىنمۇ راھەت ئىش يوق!» دېدى. لېكىن بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئاۋارىچىلىق يۈز بەردى. ليۇ بوۋاي نەۋرىسىنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدا چۈشلۈك تاماقنى ئادەتتىكىدىن كۆپ يەۋەتتى، تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش يېتىپلا ئۇخلىدى. ئويلىمىغان يەردىن يېرىم سائەتتىن كېيىن ليۇ بوۋاينىڭ گېلىدىن خار-خۇر ئاۋاز چىقىپ، ئارقىدىنلا يۆتىلىپ قۇسۇۋەتتى. ئۆيىدىكىلەر بايقىغاندا ليۇ بوۋاي ھوشىدىن كەتكەن ئىدى. دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، دوختۇر سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويدى. بەختكە يارىشا، داۋالانغاندىن كېيىن ليۇ بوۋاي خەتەردىن قۇتۇلدى. بۇ تۆت ۋاقىتتا ئۇخلاشنىڭ زىيىنى ناھايىتى چوڭ
كۆپچىلىك ئۇيقۇنىڭمۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئەكېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇخلاشتىمۇ نۇرغۇن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار، بولۇپمۇ بۇ تۆت ۋاقىتتا ئۇخلاشنىڭ زىيىنى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك.
1. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن دەرھال ئۇخلاش
نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۇخلايدۇ. لېكىن مەست بولغاندىن كېيىن ئۇخلىسىمۇ كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئادەم مەست بولۇپ كەتكەندىن كېيىن سېزىم ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزى نامۇۋاپىق ئۇخلاش قىياپەتلىرىدە ئاسانلا تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، قۇسۇق كانايغا ئېقىپ كىرىپ خاتا سۈمۈرۈلۈپ قېلىپ، ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇخلىغاندا مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەشكە پايدىسىز بولىدۇ؛ دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئادەمنىڭ بۇرنى تۆۋەنگە قارىغاچقا، بۇرنى ئاسان توسۇلۇپ قېلىپ، نەپەس راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. تاماق يەپ بولۇپ دەرھال ئۇخلاش
نۇرغۇن كىشىلەردە قورساق تويغاندىن كېيىن مۈگدەش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. لېكىن، كۆپچىلىكنىڭ تاماق يەپ بولۇپلا دەرھال ئۇخلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز. چۈنكى ئادەم تاماق يېگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئەمدىلا ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ، دەرھال ئۇخلىسا ئەكسىچە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تاماقتىن كېيىن دەرھال تۈز يېتىپ ئۇخلىسا، ئاسانلا ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچتىكى يېمەكلىكنىڭ كەينىگە يېنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3) ئاچچىقلانغاندا ئۇخلاش
جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاچچىقلىنىش جىگەرگە زىيانلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقلىنىش يەنە ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش يولىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەم ئاچچىقلانغان پېتى ئۇخلىسا، ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كېلىپلا قالماي، ھەتتا ئۇيقۇسى قاچىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بەدەنگە ھەم ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئاسانلا بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلار.
شۇڭا، ئادەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئامال بار كەيپىياتىنى تەڭشىشى، خاپا بولماسلىقى، ئىچى سىقىلماسلىقى كېرەك. ئامال بار دىققىتىنى يۆتكىشى ياكى ناچار كەيپىياتنى ياخشىلىشى كېرەك.
4. يېرىم كېچە سائەت ئىككى-ئۈچتە ئۇخلاش
ھەممىگە ئايانكى، تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق جىگەرگە زىيانلىق. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، جىگەرنىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى يېرىم كېچىدە بولىدۇ، ئادەم يېرىم كېچە سائەت ئىككى-ئۈچلەرگىچە ئۇخلىمىسا، جىگەرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق بولسا، جىگەرگە زىيان يېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىشى، دائىم تۈنىمەسلىكى كېرەك.
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ زىيىنى
ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئاز دېگەندە يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولىدۇ، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بۇ ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئادەمگە تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بېشى ئاغرىيدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، %58-%36 ئۇيقۇسى قانمىغان ئادەمدە ھەر قېتىم ئويغانغاندا باش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.
كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىشىدۇ. ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولسا، كۆز تولۇق ئارام ئالمىسا، ئاسانلا كۆرۈش سېزىمىدە ئېغىش پەيدا بولىدۇ، ھەتتا كۆزى غۇۋالىشىپ، قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ.
كەيپىياتى چۈشكۈن بولىدۇ. ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئادەم ئۇزاق مۇددەت ئۇخلاش سۈپىتى ناچار ھالەتتە تۇرغاندا، كەيپىياتى مۇقىم بولمايدۇ، ئېغىر بولغاندا خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىش خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ. ماشىنا ھەيدىگەندە ئادەم دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەمنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمىسا، روھىي ھالىتى ياخشى بولماي، ماشىنا ۋەقەسى يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ. تېببىي تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى بەك قىسقا كىشىلەر سەككىز سائەت تولۇق ئۇخلىغانلارغا قارىغاندا ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.
ئوخشاش بولمىغان ياشتا قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلاش كېرەك؟
ئۇخلاش ھاياتلىقتىكى مۇھىم ئامىل. ھەممەيلەن ياخشى ئۇخلاش سۈپىتىگە ئىگە بولۇشنى ئويلايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى بولىدۇ.
13 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان كىشىلەر
ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئەڭ ياخشىسى بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇش، ھەمدە كېچە سائەت ئۈچ ئەتراپىدا قاتتىق ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئالغاندا ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ئۆزىنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، روھىي ھالىتى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 30 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەر
بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يەتتە سائەت ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 7.5 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەرلەر 7 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى كەچ سائەت 12 دىن بۇرۇن ئۇخلىشىنى، ئەتىگەن سائەت 6 دىن 7 گىچە بولغان ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
60 ياشتىن ئاشقانلار
بۇ ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ 5.5 سائەتتىن 7.5 سائەتكىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەت ئىچىدە بولغان ياشانغانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشى ئىككى يىل كەينىگە سۈرۈلىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، ياشانغانلاردا دىققىتىنى يىغالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
شۇڭا، كۆپچىلىك قانچىلىك ئۇخلىماقچى بولسا شۇنچىلىك ئۇخلاش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئۇخلاش ۋاقتىنى تاللىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن تۆت ۋاقىتتا دەرھال ئۇخلىماسلىق كېرەك.
ئۇنداقتا، سىز ھەر كۈنى قانچىلىك ئۇخلايسىز؟
|