Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1466|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نېمىشقا چەت ئەللىكلەردە تال ئاجىزلاشقانلار ئاز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

تال ساغلام بەدەننىڭ ئاساسى، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە قاتنىشىپ، سالامەتلىككە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېلىدا ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھادىسىسى كۆرۈلمەكتە، تال زەئىپلەشسە، نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تال زەئىپلەشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇق، نېمە ئۈچۈن چەت ئەللىكلەردە تال زەئىپلەشكەنلىرى ئاز؟ بۇ ماقالىنى بىز بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى.

نېمە ئۈچۈن جۇڭگودا تال زەئىپلىشىش ئەھۋالى شۇنچە كۆپ؟

دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، تېرىقچىلىق قىلىش ئاساس ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئالدى بىلەن بۇ تالغا زىيان يەتكۈزىدۇ، تالنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاسان خورىتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇش شارائىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى، بەزىلەر يەنىلا تېرىقچىلىق قىلىشنى ئاساس قىلدى، بەزىلەر ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى تۈپەيلىدىن تالنى بارغانسېرى ئاجىزلاشتۇرىۋالىدۇ.

جۇڭگولۇقلار تاماق يېيىش جەھەتتە مايدا پىشۇرۇلغان، قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى بىر قەدەر ياخشى كۆرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر قورۇمىلارنىڭ تەمىنى قوغلىشىدۇ، كۆپرەك تېتىتقۇ سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھازىر نۇرغۇن ياشلار ئۈچ ۋاق تاماقنى سىرتتىن يەيدۇ.

تاماق ئەسۋابلىرىمۇ بىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل، چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىچاق-ۋىلكا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ياغاچ چوكىلارنى ئىشلەتكەندە، ئەگەر تازىلىققا دىققەت قىلمىسا، ئاسانلا زەمبۇرۇغ ياكى باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ.

جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپ كەيپىياتنى ئىپادىلەشكە ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، لېكىن كەيپىياتنىڭ تالنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ. ھازىر كىشىلەرنىڭ بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، دائىم كۆڭلى غەش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى ئىچىدە تۇرسا، ئاسانلا غەمگە پېتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تالنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئامراق، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ناچار كەيپىياتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ.

تال ياخشى بولۇش ئۈچۈن، بالدۇرراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىشتىھانى ئاچىدىغان، ئوزۇقلۇق سىڭدۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، پىچەكگۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، چىلان، سەۋزە، قىشلىق موگۇ، كالا گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك. ئەمما سوغۇق، خام ۋە غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىش، تاماقنى بەك كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

ئادەتتە ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، زىيادە چارچاپ كەتمەسلىك، كەيپىياتى ناچارلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، بېسىم ئېغىر بولغاندا، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن كەيپىياتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش ھەمدە ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش كېرەك، مانا بۇلار تالنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:01 , Processed in 0.115748 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش