Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5585|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قان تومۇرلارنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

قان تومۇر مېدىتسىناسى ساھەسىدە قۇلاققا تونۇشلۇق مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار، ئۇ بولسىمۇ يەنى «ئادەم بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىنىڭ ئۆمرى ئوخشاش بولىدۇ»، بۇنىڭ مەنىسى قان تومۇر قانچىلىك ئۆمۈر كۆرسە، ئادەم شۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرىدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، قان تومۇر قېتىشىش ئىلگىرى ياشانغانلاردىلا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئىدى، يەنى ، 50 ياشتىن باشلاپ تەدرىجىي قوزغىلاتتى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىلدىن يىلغا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. كىلىنىكىلىق ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەڭ كىچىك بولغاندا ئون نەچچە ياشتىلا قاننىڭ يېپىشقاقلىقى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن.

تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، قان تومۇر ناۋادا قېتىپ قالسا، قايتىدىن يۇمشىمىقى ئىنتايىن تەس. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، تاماكا تاشلاش. تاماكا چەككەندە، تاماكىنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار قان تومۇرلارنىڭ ھەرىكەت مەركىزىنى غىدىقلايدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئېپىنېفرىن ۋە نورئېپنېفرىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى غىدىقلاپ، يۈرەك رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، ئۇچ قان تومۇرلارنىڭ تارىيىپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئامال بار تاماكا چەكمەسلىك كېرەك شۇنداقلا تاماكا ئىسىدىنمۇ يىراق تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك. تۇز، شېكەر، ياغ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىپ، تۆۋەن كالورىيەلىك يېمەكلىكلەر ۋە تەركىبىدە مىنېرال ماددا، ۋىتامىن، تالا ماددىسى ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە- چىۋە، قارا ئاشلىق، ئورۇق گۆش، بېلىق تۈرىدىكىلەر ياكى تۆۋەن ياغلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىش. ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش كېرەك، ھەرىكەت سىجىللىقى جەھەتتە بەدەندىن ئازراق تەر چىقىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلمىسا، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن بەدەننىڭ يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا ئەڭ ياخشى ھەرىكەت ھالىتى ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلار يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ياكى كونترول قىلىنمىغان يۇقىرى قان بېسىمى نۇرغۇن قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش سەۋەبتۇر؛ ھالبۇكى، يۇقىرى قان قەنتى قىل قان تومۇرلارنى چارچىتىپلا قالماي، يەنە چوڭ قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 05:57 , Processed in 0.140657 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش