يېمەكلىكلەر يېڭى ھالىتىدىن كۆكىرىپ قېلىشقىچە قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ؟ بۇلۇتلۇق ياكى يامغۇرلۇق كۈنلەردە ھاۋادىكى نەملىك ئېشىپ كېتىدۇ-دە، يېمەكلىكلەر ھىم ئورالماي، ئۇزاق مۇددەت نەم مۇھىتتا تۇرغاندا ئاسانلا نەم تارتىپ قالىدۇ. نەم تەرتىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىنى بىر تەرەپ قىلمىغاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كۆكىرىپ بۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەردىكى ئافلاتوكسىننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ. ئافلاتوكسىن ئىللىق، نەم مۇھىتتا كۆپىيىشنى ياقتۇرىدۇ، كۆپ يىللار ئىلگىرىلا ئافلاتوكسىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا، زەھەرلىك دەرىجىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ دەپ ئېنىق بېكىتكەن. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە دائىم يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كۆرۈلۈپ، بەدەندە يۇقۇملانمايدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئىككىلەمچى جىددىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كىلىنىكىدا، يېمەكلىكتىن زەھەرلەنگەنلەردە ئېغىر قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، دېيىلگەن. گەرچە بارلىق يېمەكلىكلەردىكى زەمبۇرۇغلار زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلمىسىمۇ، بىراق زەمبۇرۇغنىڭ زىيانلىق ياكى زىيانسىزلىقىنى كىشىلەر كۆزى بىلەن كۆرۈپلا پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ساغلاملىق ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا «ئىسراپ» قىلغىنى تۈزۈك. بولكا، سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ياكى ئاشلىق، ماي قاتارلىق ماددىلارنىڭ كۆكۈرۈپ، پاختىلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە ئەڭ ياخشىسى ھەممىسىنى تاشلىۋېتىش كېرەك. كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئۇقۇشماي يەپ سالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يەۋېلىپ بەدەندە ھېچقانداق تۇيغۇ بولمىسا، بۇ ئىمۇنىتېت كۈچىڭىزنىڭ ياخشىلىقىنى، شۇنداقلا كېلەر قېتىم چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بەدەندە مەلۇم ئىنكاس يۈز بەرسە، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ كۆرۈش كېرەك: 1.سۇيۇق-سەلەڭ، مايسىز يېمەكلىكلەرنى يەپ، ئۇماچ ئىچىپ بېرىش كېرەك كۆكىرىپ، سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېگەندە چوقۇم ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ، شۇڭا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم يېمەكلىكلەرنىڭ مايسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بىئارامسىزلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇشتىن ۋە قوزغىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. 2.بىر ئىستاكان كالا سۈتى، سەككىز ئىستاكان سۇ ئىچىش كېرەك ئازراق كالا سۈتى ئىچىش ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدىغىلى، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەردىن پەيدا بولىدىغان زەھەرلىك ماددىنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە بەدەندىكى ئىلىكتېرولىتلارنى تولۇقلىغىلى، شۇنىڭدەك بەدەندىكى ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەندە ساقلىنىش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 3.بەك بىئارامسىزلانغاندا دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش ۋە قۇسۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
|