
ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك تەملىك، چۈرۈك بولغاچقا، يەپ بولغاندىن كېيىن قورساق ئاسان ئېچىپ كەتمەيدۇ، شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشكەن. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن نېمىشقا قورساق ئاسان ئاچمايدۇ؟ دېگەندە، ئەسلىدە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، ماي ئادەم بەدىنىنى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماينى ھەزىم قىلىشقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئاشقازاندا ئۇزۇن تۇرىدۇ، كىشىلەر قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلمايدۇ. گەرچە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما قىزىغان ياغقا سېلىپ پىشۇرۇلغان، پاكىزە بولغاندىمۇ يەنىلا ئازراق ئەكس تەسىرى بولىدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئالدى بىلەن، يېمەكلىكلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتقاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر كۆپلەپ خوراپ كېتىدۇ، ۋىتامىن، زۆرۈر بولغان ماي كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىتقاندىن كېيىنكى ماي ئادەم بەدىنىگە ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ، يەنە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتقاندىن كېيىنكى ماينىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولىدۇ. ئالىملار ھايۋاناتلارغا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، قىزىتىلغاندىن كېيىنكى ماي ھايۋاناتلارنىڭ ئاشقازاندا يارا ۋە ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى، ئەمچەك ئۆسمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر يەنىلا ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
|