Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5438|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر قېتىم ئاچچىقلانسىڭىز، 14 خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىسىز!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاچچىقلىنىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. لېكىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسا، ئۆزىنى بازالماي قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ھەر قېتىملىق ئاچچىقىڭىز

بەدەنگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زەخىملىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىر قېتىم ئاچچىقلانغاندا بۇ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ھەرگىز خاپا بولۇشقا جۈرئەت قىلالمايسىز.

بىر قېتىم ئاچچىقلانسىڭىز، 14 خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىسىز!

1.سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش

نۇرغۇن ئاياللاردا سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش مەسىلىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئاچچىقلىنىشقا ئامراق بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تۇغۇتتىن كېيىن كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى پەيدا بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2.باش قېيىش باش ئاغرىش

بەزىدە بەك ئاچچىقلىنىپ كەتسە، بېشى چىڭقىلىپ، بېشى ئاغرىيدۇ، ھەتتا مېڭىسىگە قان چۈشىدۇ، تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

3.سەكتە مېڭە تىقىلمىسى

ئادەمنىڭ زېھنى بىلەن بەدىنى زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن گەۋدە. يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئاچچىقلىنىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، ئاچچىقلانغاندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا سەكتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

4.قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش

دىئابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىراقسانلىق، ئاچچىقلىنىش، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. يېڭى كېسەل قوزغىلىش باسقۇچىدا ناچار كەيپىياتنى كونترول قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

5.ئاشقازان يارىسى

ئاچچىقلىنىش سىمپاتىك نېرۋىنىڭ ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدىكى قان ئېقىمى ئازىيىپ، لۆمۈلدەش ئاستىلايدۇ، ئىشتىھاسى ناچارلىشىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6.يۈزىگە داغ چۈشىدۇ

ئاچچىقلانغاندا، قان كۆپ مىقداردا باش تەرەپكە قاراپ ئاقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى ئوكسىگېن ئازىيىپ، توكسىن كۆپىيىدۇ. زەھەرلىك ماددىلار تۈك خالتىسىنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن داغ پەيدا بولىدۇ.

7.يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ

كۆپ مىقداردىكى قان چوڭ مېڭە ۋە يۈزگە ئۇرۇلۇپ، يۈرەككە تەمىنلىنىدىغان قاننى ئازايتىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەسسىلەپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا يۈرەك سوقۇشى تېخىمۇ قانۇنىيەتسىز بولۇپ، تېخىمۇ ئەجەللىك بولىدۇ.

8.قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى

ئاچچىقلىنىش ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قالقانسىمان بەز ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇننى كۆپەيتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

9.ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ

ئاچچىقلانغاندا، چوڭ مېڭە بەدەنگە خولېستېرىندىن ئۆزگەرگەن بىر خىل كورتىكوستېرول ياساشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەگەر بەدەندە بەك كۆپ يىغىلىپ قالسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

10.ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

ئىچى سىقىلىش، خامۇشلۇق، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەيپىيات ئامىلى.

11.مەيدىسى چىڭقىلىپ دېمى سىقىلىش

ئاچچىقلانغاندا، بولۇپمۇ باشقىلار بىلەن قېيدىشىپ قالغاندا، باشقىلار تەنقىدلىگەندە، ئۇۋال قىلىنغاندا ياكى ئىچى سىقىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا، مەيدىسى چىڭقىلىپ، دېمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ.

12.چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقى

بەزىلەر ئاچچىقلانسىلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ ياكى جىددىيلەشسىلا ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ. چۈنكى ئاچچىقلانغاندىن كېيىن، ئۈچەي، دوۋساق قىسقىراپ، چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

13.يۈرەك كېسىلى

ئادەم ئاچچىقلانغاندىن كېيىن، سىمپاتىك نېرۋا ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى دەرىجىدە جىددىيلىشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، يۈرەك زىيانغا ئۇچراپ، كۈتۈلمىگەن يۈرەك ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

14.قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش

ناچار كەيپىيات قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلار ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچراپ، غەزەپلىنىش، ئۆچمەنلىك قىلىش قاتارلىق ھاياجانلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولسا، قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك زەئىپلىشىش، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاچچىقلىنىشقا ئامراقلار، بۇ بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك

1)ئاپلېسىن پوستى

ئاپېلسىن شۆپۈكىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، چاي بىلەن بىللە دەملەپ ئىچسىمۇ، ئايرىم سۇغا دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، تەمى مەززىلىك بولۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يەلنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قورۇما قورۇغاندا بىر نەچچە تال سالسا، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

2)ئاق تۇرۇپ

يېڭى تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغراپ، گۈرۈچ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلىسا، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىپ، يېمەكلىكنى يوقىتىپ دىئافراگمىنى ياخشىلايدۇ.

3)دولانا

دولانا يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان كۆكرەك، قورساق كۆپۈش، ئاغرىشقا ماس كېلىدۇ، ئاچچىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىشكە نىسبەتەن بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. خام يېيىش، پىششىق يېيىش ياكى سۇغا چىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك.

4)ئەتىرگۈل

قىزىلگۈل سۈيىنى دەملەپ ئىچسە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئىسسىقى ئېشىپ بەلغەم پەيدا قىلىدىغان كىشىلەر ئىچسە ئىسسىقنى قايتۇرۇپ بەلغەمنى ھەيدەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيگە بىر دەستە ئەتىرگۈل گۈلى قويۇپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇرىسىڭىز، كەيپىياتىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 06:41 , Processed in 0.123696 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش