Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2538|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياشانغانلاردا بۇ ئالتە خىل ئالامەت كۆرۈلسە ياشانغانلار دېۋەڭلىك ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

يەر شارىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئۈچ سېكۇنتتا بىر ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى (ئالزېيمېر كېسىلى) بىمارىغا دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. ئەڭ يامان بولغىنى نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك ئالامىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغاندا ئاندىن مەسىلىنى ھېس قىلىپ، داۋالاشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بۈگۈن بىز ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكە مەزگىلدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلدىغانلىقى توغرىسدا توختىلىمىز.

قويغان تۇتقۇنىنى ئۇنتۇپ قالغاندىن باشقا ناھايىتى ھۇرۇن بولۇپ قالىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ياشانغانلاردىكى كۆرۈلگەن ئۇنتۇغاقلىقنى ياشنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقىدىن دەپ سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولماسلىق بىلەن ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى پۈتۈنلەي بىر ئىش ئەمەس.

ئادەتتىكى ئۇنتۇغاقلىق بولسا ئونتۇپ قالغان ئىشىنى قايتا ئېسىگە ئالالايدۇ.، مەسىلەن، تۈنۈگۈن نېمەيېگىنىڭىزنى ئەسلىيەلمەيسىز، لېكىن باشقىلار ئەسكەرتىپ قويسا، سىز «ھە، توغرا، توغرا، قىزارتىلغان گۆش يېگەنتىم» دەيسىز! ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشى، چوڭ مېڭىسىدىن پۈتۈنلەي «يوقاپ كېتىش» بولۇپ، ھەر قانچە ئەسكەرتسىمۇ ھېچقانداق ئېسىگە ئالالمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئۇنتۇغاقلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ.

1. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى توسالغۇغا ئۇچراش: بايا دېگەن گىپىنى كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۇنتۇپ قېلىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىپادىسى.

2. يولدىن ئېزىپ قىلىش: تۇنۇش بولغان يوللار تۇيۇقسىز ناتۇنۇش بولۇپ قالىدۇ.

3. قالايمىقان گەپ قىلىش: گەپلىرى بارغانسېرى مۈجىمەللىشىش. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى تىل ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، سۆزلۈكى ئازىيىپلا قالماي، سۆزلەش لوگىكىسىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا كۈندىلىك ئاددىي پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ تەسكە توختايدۇ.

4. كەيپىياتىدىكى نورمالسىزلىق،تۇيۇقسىز تېرىككەك بولۇپ قېلىش: كىچىككىنە بىر ئىشمۇ ئۇنىڭ كەيپىياتىنى قوزغىيالايتتى، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ يامانلىشىپ كەتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى چوڭ مېڭىنىڭ كەيپىياتنى كونترول قىلىش رايونىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان. خاراكتېرى چوڭ ئۆزگىرىش بولسا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مۇھىم سىگناللارنىڭ بىرى.

5. ھبسابلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش: چۈنكى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ماھارىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

6. قىلىقى غەلىتە بولۇش: قارىماققا كۈلكىلىك كۆرۈنىدىغان بۇ خىل قىلمىش ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. بىمار قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، مەسىلەن، كېرەكسىز نەرسىلەرنى زاپاس ساقلاش، نەرسىلەرنى قايتا-قايتا يوشۇرۇپ، قەيەردە يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش، ھەتتا يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ «يىغىن» ئېچىپ، ئۆز-ئۆزىگە گەپ قىلىش.

گەرچە ھازىر مېدىتسىنادا ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ جەريانىنى كۆرۈنەرلىك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئالدىنى ئېلىشتىكى بەش چوڭ قائىدە :

1) ئېغىزنى كونترول قىلىش: ئۇنىڭ يادرولۇق پىرىنسىپى:كۆكتات، مېۋە-چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، بېلىق ۋە زەيتۇن يېغىنى كۆپرەك يېيىش، قىزىل گۆش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش.

2) پۇتنى كۆپ ھەرىكەتلەندۈرۈش: بۇنداق قىلغاندا كاللىنى سەگەكلەشتۈرگىلى بولىدۇ. «ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دېگەن بۇ سۆز ھەرگىزمۇ شوئار ئەمەس. ھەرىكەت يۈرەكنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ھەر كۈنى 30 مىنۇت تېز ماڭسىڭىزمۇ، چوڭ مېڭىڭىز خۇددى بايرام ئۆتكۈزگەندەك خۇشال بولىدۇ!

3) مېڭە ئىشلىتىش:يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش، چوڭ مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە جانلىق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بەزى يېڭى قىزىقىشلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇندىلا چوڭ مېڭىنىڭ «ئۆگىنىش ئەندىزىسى»نى ساقلاپ قالغاندا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

4) يېتەرلىك ئۇخلاش:تۈنەش چوڭ مېڭىنىڭ كۈشەندىسى، ئەمدى تۈنەپ تىياتىر قوغلاشماڭ، يانفون ئوينىماڭ! ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا چوڭ مېڭىدىكى زىيانلىق ماددىلار (β كىراخمال ئاقسىلى) يىغىلىپ قېلىپ، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ھەر كۈنى 7-8 سائەت سۈپەتلىك ئۇخلاش چوڭ مېڭىنى ئەڭ ياخشى «تازىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ھېسابلىنىدۇ.

5) قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش: ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ناھايىتى يوشۇرۇن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىشىلەر توپى سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدىكى بىلىش ئىقتىدارىنى تاللاپ تەكشۈرۈشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 05:55 , Processed in 0.113793 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش