Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 2671|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ناركوز قىلىش ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

بىر قىسىم ناركوز قىلىنغان بىمارلار ئۆزىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەسلىكىنى، دائىم ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇرۇن ئېسىدە تۇرىدىغان يانفون نومۇرلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە ئېسىدە تۇرمايدىغانلىقىنى توغرىسىدا ئاھ ئۇرىشىدۇ. ناركوز قىلىش راستىنلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ئادەتتە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش بولۇپ، پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلغاندا مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

قىسمەن ناركوز قىلىش پەقەتلا قىسمەن نېرۋىلارغا تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، قان بىلەن بىرلىشىپ چوڭ مېڭە مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىغا ئېقىپ كىرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن ناركوز قىلغاندا ئىشلىتىدىغان ناركوز ئوكۇلىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بەدەندىن ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ناركوز قىلىش تۈرىدىن باشقا بىمارنىڭ يېشىغىمۇ قاراش كېرەك، ئادەتتە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسى ئىنتايىن نازۇك بولغاچقا ئەقلىي ئىقتىدارى، ئەستا تۇتۇش ئىقتىدارى مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ناركوز ئوكۇلىنىڭ يەنە قانداق ئەكىس تەسىرلىرى بار؟

ئادەتتە ناركوز قىلغاندىن كېيىن بىمارلار ھوشىغا كەلگەندە گېلى ئاغرىش، ئاۋازى يىرتىلىپ چىقىش، روھسىز بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش قاتارلىق ئەكىس تەسىرلىرى پەيدا بولىدۇ.

ناركوزدىن يېشىلگەندىن كېيىن ئۆزىمۇ تۇيماستىن تىترەش قانداق ئىش؟

بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە قىسمەن ناركوز قىلغاندىن كېيىن كۆرىلىدۇ، قىسمەن ناركوز قىلغاندىن كېيىن ناركوز قىلغان ئورۇننىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ سوزۇلۇپ-يىغىلىش ئىقتىدارى يوقايدىغان بولۇپ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا بەدەندىكى كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق خورايدىغان بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بەدەننىڭ نورمال تېپمېراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن ئادەمدە ئۆزىمۇ تۇيماستىن تىترەش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

ناركوز ئوكۇلىنى زادى ئۇرغۇزۇش كېرەكمۇ-يوق؟

ئەلۋەتتە ئۇرغۇزۇش كېرەك، بەزى ۋاقىتلاردا ناركوز ئوكۇلى ئۇرمىغاندا بىمارلار قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناركوز تېخنىكىسى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىدىغان ناركوز ئوكۇللىرى ئىنتايىن بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ناركوز قىلىش جەريانىنى مەخسۇس دوختۇرلار ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، بىمارلارنىڭ ھاياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىلىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 05:47 , Processed in 0.108774 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش