Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1956|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى مېڭىگە قان چۈشۈشنى خالىمىسا، بۇ تۆت خى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

يۇقىرى قان بېسىم كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولۇپلا قالماي، يەنە مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

يۇقىرى قان بېسىم

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى قان بېسىم مېڭىگە قان چۈشۈشتىكى ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىل بولۇپ، سەكتە بولغان%84.2 بىماردا يۇقىرى قان بېسىم تارىخى بار ئىكەن. ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى قان بېسىم مېڭە قان تومۇر دىۋارىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش، قان يېتىشمەسلىك، نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىمى جىددىي ئۆرلەپ كەتسە، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مېڭىگە قان چۈشۈش ئەمدى ياشانغانلاردىلا كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياشلاردا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى%10كە يەتتى. «ئۈچ يۇقىرى» (يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارى، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش) ئاساسلىق كېسەللىك پەيدا قىلىش ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر سىزدە يۇقىرى قان بېسىم بولسا ھەمدە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ھوشيار بولۇڭ :

1. تۇيۇقسىز قاتتىق باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش:باش ئاغرىقىغا چىدىغىلى بولمسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىق سېزىمى ئېغىرلاشسا

2. يۈز ياكى پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش:مەسىلەن، قولنى نورمال تۇتالماسلىق، كالپۇكى مايماق بولۇش، شۆلگەي ئېقىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە

3. نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش: نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرسە، ئېنىق كۆرەلمىسە، كۆز ئالدى بىردەملىك قاراڭغۇلۇشۇپ كەتسە

4. يول مېڭىش قىيىن بولۇش، باش قېيىش، بەدەن تۇراقسىز بولۇش:مېڭىگە قان چۈشۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان باش قېيىش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ

5. ئۇيقۇسىراش، ھوشسىزلىنىش:ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلسا.

تۆت خىل يېمەكلىك

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تاماقنى ئاز يېيىشى كېرەك

كۆپچىلىكنىڭ قان بېسىم سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن بىز قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇشقا تېگىشلىك تۆت خىل يېمەكلىك تۈرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدۇق :

1) تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر

ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئاش تۇزى بەدەندىكى ناترىي ئىيونىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆرلىتىپ، سۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر تۇزلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى، تەييار چۆپ، ھەر خىل تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇشتا «يوشۇرۇن تۇز»دىن ھوشيار بولۇش، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى جەدۋىلىنى كۆپرەك كۆرۈش كېرەك. ھەر كۈنلۈك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك، ئامال بار يېڭى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئۆزى تاماق ئېتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

2) ھايۋانات مېيى مول يېمەكلىكلەر

ھايۋانات مەنبەلىك ياغدا تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددىلار ئاسانلا ئارتېرىيە دىۋارىغا چۆكۈپ داغ پەيدا قىلىپ، قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، يۇقىرى قان بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

گەرچە دۈملەپ پىشۇرۇلغان گۆش، ئەنئەنىۋى نازۇ-نېمەتلەر مەززىلىك بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى يەنىلا ئاز يېيىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا بېلىق، ئورۇق گۆش ۋە ئۆسۈملۈك مېيىنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

3) قەنتلىك ئىچىملىك ۋە تاتلىق تۈرۈم

شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، سېمىزلىك يەنە يۇقىرى قان بېسىمنىڭ مۇستەقىل خەۋپ-خەتەر ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، دائىم قەنت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىدىغانلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن.

شۇڭا، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىك، مېۋە شەربىتى قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەردىن لاردىن ئەڭ ياخشىسى يىراق تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تورت، شاكىلات قاتارلىق يۇقىرى قەنتلىك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمالىنى ئازايتىش كېرەك.

4) ھاراق، ئاچچىق يېمەكلىك ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر

ئىسپىرت يۈرەك رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشى، ياللۇغنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ، قەۋزىيەت بىمارلىرى چوڭ تەرەت قىلغاندا ئاسانلا قورساق بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 05:59 , Processed in 0.095592 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش