Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 979|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەسەل توغرىسىدىكى سىز بىلمەيدىغان ساۋاتلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

قىش پەسلى قۇرغاق، ھەسەل سۈيى ئىچىش بەدەنگە ۋاقتىدا سۇ تولۇقلايدۇ، ھەم ئۆپكىنى تازىلاپ ئۈچەينى سىلىقلايدۇ. ئەمما بازاردىكى ھەرخىل ھەسەللەر ئالدىدا، بىز ساپ ۋە يالغاننى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۇقماي قالىمىز. بۈگۈنكى بۇ تېما سىزنىڭ ھەسەل سېتىۋالغاندا پەرقلەندۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.


1. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن ھەسەلدىن ياخشىمۇ؟

پىششىقلىنىدىغان ھەسەل تەبىئىي پىشمىغان، سۇ تەركىبى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قويۇلدۇرۇپ سۇ تەركىبىنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى زور دەرىجىدە ئېقىپ كەتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تەبىئىي پىشقان ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ ياخشى.

2. كرىستال ھەسەلنىڭ ھەممىسى ساختىمۇ؟

ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى فرۇكتوزا بىلەن گلۇكوزا بولۇپ، تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن بولغاندا، ھەسەلدىكى گلۇكوزا كرىستال يادروسى ئۆزئارا پولىمېرلىنىپ كرىستاللىشىدۇ.

كرىستاللىشىش ھەسەلنىڭ ئۆزىگە خاس فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى بولۇپ، نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى ھەسەلنىڭ كرىستاللىشىش خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ كرىستاللىشىشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ كرىستاللىشىشى بىرقەدەر يېنىك بولىدۇ، قويۇقلۇقى يۇقىرى ھەسەلنىڭ كرىستاللىشىشى قويۇقلۇقى تۆۋەن ھەسەلگە قارىغاندا ئاسان بولىدۇ. شۇڭا، ھەسەلنىڭ راست-يالغانلىقىغا كىرىستاللىشىش-كىرىستاللاشماسلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.

3. رەڭنىڭ قېنىق-سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاش بولمامدۇ؟

ھەسەلنىڭ رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكلىرى، ھاۋا كىلىماتى، تۇپراق قاتارلىق شارائىتلارغا باغلىق، مەسىلەن، تۇخۇمەك گۈلى ھەسىلى قارىماققا ناھايىتى سۈزۈك، ئاق، سۇس سېرىق ياكى كەھرىۋا رەڭدە كۆرۈنىدۇ، چىلان گۈلى ھەسىلىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولىدۇ . مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلۇقىنى ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا باھا بېرىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدىكەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھەسەلنى ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويغاندا مايلارد رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن رەڭگى قېنىقراق بولىدۇ.

4. سورتى ئوخشاش بولمىغان ھەسەلنىڭ ئۈنۈمى قانداق؟

نۇرغۇن كىشىلەر ھۆسن تۈزەش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش»، «ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش»، «قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش» قاتارلىق ئۈنۈمى ئوخشاش بولمىغان ھەسەللەرگە دۇچ كەلگەندە، قانداق تاللاشنى بىلەلمەي قالىدۇ. ھەسەل بىر خىل يېمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆپكىنى تازىلاپ، ئۈچەينى سىلىقلاشتەك كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە، لېكىن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھەسەلنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، شۇڭا ئۈنۈمى جەھەتتە ئالاھىدە روشەن پەرق بولمايدۇ.

5. ھەسەلنى مېتال قاچىدا ساقلىغىلى بولمامدۇ؟

ھەقىقەتەن شۇنداق، ھەسەلنى ساقلاشتا ئەڭ ياخشىسى مېتال قاچا ئىشلەتمەسلىك، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان مېتال قوشۇق بىلەن ھەسەلنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى ھەسەل كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت مېتال بىلەن ئۇچراشسا سالامەتلىككە پايدىسىز. ھەسەل ساقلايدىغان قاچا-قۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ئەينەك، فارفۇر قاچا-قۇچىلار بولۇپ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قۇرغاق، سالقىن جايغا قويۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، قاپقاقنى چوقۇم چىڭىتىش كېرەك، ھاۋا كىرگەندىن كېيىن ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.


6. ھەسەلنى قانداق ئىچسە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ؟

ئەتىگەندە، تاماقتىن بۇرۇن، تاماقتىن كېيىن بولسا بولىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 20-50 گىرام ئەتراپىدا، بالىلار ھەر كۈنى 10 گىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى 60 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ئىلمان قايناقسۇ بىلەن دەملەپ ئىچىپ، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى زىيادە قىزىتىپ بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

7. ھەسەلنى كۆپ ئىچسە سەمرىپ كېتەمدۇ؟

ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا ۋە فرۇكتوزا بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ماددىنى ئادەم بەدىنى بىۋاسىتە سۈمۈرىدۇ، ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا سەمرىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا سەمرىپ كېتىشى مۇمكىن خەۋپ-خەتەرنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ.

8. قانداق كىشىلەر ھەسەل يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ؟

ھەسەل گەرچە بىر خىل «كۈتۈنۈش يېمەكلىكى» بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بىر ياشقا توشمىغان بوۋاقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ تەكلىپ بەردى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 01:02 , Processed in 0.162986 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش