بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باكى، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، چىرايى ھەمىشە سارغۇچ، تۇتۇق بولۇپ، قارىماققا خۇددى بىر قەۋەت توپا بېسىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ھەرقانچە قىلسىمۇ يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ. جۇڭيى تىبابىتىدە مۇنداق دەپ ئېيتىلغان، بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپىنچە ھۆل ئىسسىقچان كېلىدۇ. ئۇنداقتا، ھۆل ئىسسىقچان دېگەن نېمە؟ ھۆل ئىسسىق مىجەزدىكى كىشىلەردە قانداق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ؟ قانداق تەڭشەش ئۇسۇلى بار؟
![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2018/0919/2018091918562342741.jpg)
ھۆل ئىسسىقچان دېگەن نېمە؟ ھۆل ئىسسىق ئادەتتە تاشقى ھۆللۈك ۋە ئىچكى ھۆللۈك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تاشقى ھۆللۈك تاشقى مۇھىت تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، كىلىماتنىڭ نەم بولۇشى، يامغۇر يېغىش، تۇرالغۇ ئۆينىڭ زەي بولۇشى قاتارلىق بۇ ئەھۋاللار سىرتتىن كەلگەن سۇنى ئادەم بەدىنىگە سىڭدۈرىدۇ. ئىچكى ھۆللۈك بولسا بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىتىنىڭ تازا بولماسلىقىدۇر، جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، تالنىڭ «نەملىكنى توشۇش-ئايلاندۇرۇش» رولى بار، ئەگەر تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يەۋەتسە، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىپ، تالنىڭ نورمال توشۇش-ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ-دە، «نەملىكنىڭ ئىچكى قىسىمدا توختاپ قېلىش» ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا تال ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر ئاسانلا تاشقى ھۆللۈكنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى تاشقى ھۆللۈكمۇ دائىملا تال ۋە ئاشقازاندا ھۆللۈكنى ئىچكى قىسىمدىن شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
ھۆل ئىسسىق مىجەزدىكى كىشىلەردە قانداق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ؟ ھۆل ئىسسىقچان كىشىلەر ئادەتتە سەل ئورۇق ياكى سېمىز كېلىدۇ، چىرايى سارغۇچ، نۇرسىز، مايلىق بولۇپ، ئېغىزى قۇرۇش، ئېغىزى پۇراش، ئېغىزى ئاچچىق بولۇش، سۈيدۈكى سېرىق، چوڭ تەرىتى قۇرغاق بولىدۇ؛ ئاياللاردا ئاق خۇن سارغىيىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئالدىراقسانلىق قىلىش سەپرا مىجەز، ئۇيقۇسىزلىق، تىلى قىزىرىش، گەز سارغىيىش، چىشلىرى سېرىق بولۇش، چىش مىلىكى قىزىرىش، لەۋلىرى بەكرەك قىزىل بولۇش، يۈزىگە ئاسانلا دانىخورەك چىقىش، تېرە قىچىشىپ، قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2018/0919/2018091918564268892.jpg)
قانداق تەڭشەش ئۇسۇلى بار؟ 1. يېمەك-ئىچمەكتىن تەڭشەش. ھۆل ئىسسىقچان كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ئىسسىقنى تازىلاپ، ھۆللۈكنى تارقىتىدىغان، جىگەرنى ياشارتىپ، ئۆت سۇيۇقلىغىنى راۋانلاشتۇرىدىغان، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك. كۆك كاۋا، كۆك ماش، قىزىل پۇرچاق، كەرەپشە، تەرخەمەك، نېلۇپەر، چارخەمەك (ئاچچىق كاۋا)، نەشپۈت، چارتال دەرىخى مېۋىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئاچچىق يېمەكلىكلەر، يەل قازان شورپىسى، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، قوي گۆشى، لىجى دەرىخى مېۋىسى، دۇريان دەرىخى مېۋىسى، كۈدە قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ياز پەسلىدە ئاچ كۆزلۈك قىلىپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
2. ھەرىكەتتىن تەڭشەش. ھازىرقى ئىشخانا خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق ئولتۇرۇپ، ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىدىغانلاردۇر، بۇنداق بولغاندا ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. ھۆل ئىسسىقچان كىشىلەر كۈچىنىش دەرىجىسى زور، ھەرىكەت مىقدارى چوڭ بولغان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ، مەسىلەن: سۇ ئۈزۈش، تاغقا يامىشىش، چامباشلىق، ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ۋە ھەر خىل توپ تۈرى قاتارلىقلار. لېكىن ھەرىكەت ۋاقتىنى توغرا تاللاپ، ياز پەسلىدە چىڭقى چۈش يەنى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا چېنىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چېنىقىشنى ئادەتتە كەچقۇرۇن ياكى باشقا بىر قەدەر سالقىن ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
3. ئولتۇراق مۇھىتى. ئولتۇراق مۇھىتنىڭ زەي بولۇشىمۇ سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىلاجنىڭ بېرىچە ئويمان، نەم جايدا ئولتۇراقلىشىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر كۈنگەي، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان قۇرغاق جايدا ئولتۇراقلىشىش كېرەك.
4. كەيپىياتنى تەڭشەش. ھۆل ئىسسىقچان كىشىلەر ئادەتتە ئاسانلا چېچىلىدىغان، ئاچچىقلىنىدىغان، مىجەزى چۇس كىشىلەر. ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاش، ئىمكانقەدەر ھېسسىياتتىكى سەلبىي خاھىشلاردىن يىراق تۇرۇش. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەھمىيەتلىك دالا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، كۆپرەك يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىقمۇ بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
|