كەمپۈت يېمىسىلا دىيابېت كېسىلىدىن يىراقلاشقىلى بولامدۇ؟ دىيابېت كېىسلى بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەنتنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش دىيابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش توغرا ئەمەس. قەنتنىڭ زىيادە قوبۇللىنىشى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، ھالبۇكى بىۋاستە ئامىلى ئەمەس. كۆپ ساندىكى دىيابېت كېسىلىنىڭ ھەممىسى ئېرسىيەت سەۋەبىدىن، ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن ھەمدە ئىمۇنېتىت كۈچىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. 1 تىپلىق ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېىسلىنىڭ ھەممىسىنى ئېرسىيەت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ كۆپ قىسىم ئامىلى ئوزۇقلىنىش ۋە ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. 1 تىپلىق ۋە 2 تىپلىق دىيابىت كېىسلى زادى نېمە؟ دىيابىت كېسىلى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ قەنتنى نورمال ئىشلىتەلمەسلىكى تۈپەيلى قان قەنتىنىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلىپ، قان قەنتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى بەدەننىڭ ھەر قايسى سىستېمىلارغا زەخمە پەيدا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.1 تىپلىق دىيابېت كېىسلى ئىنسۇلىن ئاجرىلىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئاساسلىقى بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىنسۇلىنغا قارشىلىق شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسۇلىن ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىشى يېتەرسىز بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچىدە، 1 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى پەقەت %10 ئەتراپىنى، 2 تىپلىق دىيابېت كېىسىلى %90نى ئىگەللەيدۇ. دىيابېت كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ 1.بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش. زىيادە سېمىز بىمارلار مۇۋاپىق تۈردە بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش نىسبىتى تەخمىنەن %5تىن %10 كىچە بولۇشى كېرەك، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىنىش كۆرۈلسە، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. 2.مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇللىنىشىنى كونتىرول قىلىپ، قەنت، تۇز ۋە ياغنى ئاز ئىسىتېمال قىلىپ، يۇقىرى تالالىق كاربونات سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ يەپ، ئىسپىرتنىڭ قوبۇللىنىش مىقدارىنى تىزگىنلىشى كېرەك. 3.مۇۋاپىق چېنىقىش. دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندا بىر سائەتتىن ئارتۇق ئوتتۇرا كۈچلۈكلىكتىكى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئىنسۇلىننىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، قان قەنتىنىڭ تىزگىنلىنىشىنى ياخشىلاپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. 4.دورىنى ئىلمىي ئىشلىتىش. 1 تىپلىق دىيابېت كېىسلى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەكنى تىزگىنلەش، مۇۋاپىق چېنىقىشتىن سىرت، يەنە ئىنسۇلىن ئۇرۇپ قان قەنتىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى كونكېرت ئەھۋالغا قارىشى كېرەك. شېكەر خىمىيەلىك پېگمىنتى %7تىن تۆۋەن بولغاندا، ئىنسۇلىن ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر چوڭ بولغاندا، دورا بىلەن داۋالاش ياكى ئىنسۇلىن ئۇرۇش كېرەك.
|