Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5465|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قانداق قىلغاندا قان تومۇرلارنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ؟ پ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

تۇرمۇشتا،قان تومۇر ئەھۋالىنى قانداق باھالاش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ساغلام قان تومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

قان تومۇر قېرىشنىڭ سىگنالى

بىزنىڭ قان تومۇرىمىزدا ئىككى خىل كرىزىس مەۋجۇت: توسۇلۇش ۋە بۇزۇلۇش. قاندىكى بەزى ناچار مولېكۇلىلار قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈپ، قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بىۋاسىتە يۈرەك تىقىلمىسى، مېڭە تىقىلمىسى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

1. بىناغا چىققاندا كۆكرەك چىڭقىلىپ، كۆكرەك ئاغرىش

بۇ يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيە داغ پارچىلىرى قان نوكچىسىدىن شەكىللەنگەن تارىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قان نوكچىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆكرەك سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش خۇددى بىر پارچە تاختا كۆكرەك قىسمىنى بېسىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن چېنىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققاندا نەپەس قىسىلىش ئەھۋالىنىڭ بار - يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

2. ئارىلاپ ئاقساپ مېڭىش

پۇتتىكى ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنى ئەسكەرتىدۇ، چۈنكى ھەرىكەتتىن كېيىن پۇتقا قان يېتىشمەيدۇ، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ، قان قايتا ئايلانغاندا ئاندىن يېنىكلەيدۇ.

3. ئىككى بىلەكنىڭ قان بېسىمى ئوخشاش بولماسلىق

نورمال كىشىلەرنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قولنىڭ قان بېسىمىدا ئازراق پەرق بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل پەرق 20 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن يۇقىرى بولغاندا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ قان بېسىمى تۆۋەن بولغان تەرەپتىكى قولنىڭ قان تومۇرلىرىدا قان نۆكچىسى ياكى تارىيىش بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


تۇرمۇشتىكى قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر


1. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بەك تېز تۇرۇش

ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، بىراقلا بەك تېز ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ. ئەمدىلا ئويغانغاندا، قان بېسىمى تېز ئۆرلەيدۇ، ئەگەر بەك تېز، بەك قاتتىق ئورنىدىن تۇرسا، قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بىز بىر ئاز ئارام ئېلىپ، كۆزىمىزنى ئېچىپ تەخمىنەن بىر مىنۇتتىن كېيىن، ئاندىن ئاستا ئولتۇرۇپ ئاستا-ئاستا كىيىم كىيسەك، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

2. سەھەردە سوغۇق سۇدا يۈزنى يۇيۇش

سەھەردە سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇش نۇرغۇن كىشىلەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادەت، ئۇ يۈز قىسمىدىكى قان تومۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن يۇيۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئالاھىدە تۆۋەن بولمىسا، بۇ چاغدا قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى ئالاھىدە بولمايدۇ.

3. ئىسسىق سۇدا بېشىنى چايقاش

ئەگەر زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق سۇ بىلەن بېشىنى چايقىسا، ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بەزى بىمارلارغا نىسبەتەن تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، غىدىقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. بورانلىق كۈنلەردە سىرتقا چىققاندا باشنى ئاسرىماسلىق

بوراندا سىرتقا چىققاندا بېشىنى ئاسرىماسلىق، شەپكە كىيمەسلىكمۇ ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئورنىدىن تۇرۇپلا دېرىزىنى ئېچىش

بۇ ئادەتنىڭ ئۆزىدىمۇ چوڭ خاتالىق يوق، ئەمما ئىسسىق يوتقاندىن چىقىپلا قالسا، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا زىيادە كۆپ سوغۇق ھاۋانى كىرگۈزسە، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، سوغۇق تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

6. شىددەت بىلەن ئارقىغا بۇرۇلۇش

ياشلارغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى باشنى كۈچەپ ئايلاندۇرسا قان تومۇرلارغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەگەر ئۆزىدىكى قان تومۇردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز ئارقىغا بۇرۇلسىڭىز، قان تومۇردا نورمالسىزلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بۇ قان تومۇرنىڭ جىددىي بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇرنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. كۈچەپ تەرەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈش

كۈچەپ تەرەت قىلغاندا قورساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئوكسىگېننىڭ خورىشى ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ، يۈرەك قان مىقدارى ئېشىپ، ھەر مىنۇتتا يۈرەكنىڭ سوقۇشىدىن چىقىدىغان قان كۆپىيىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بولۇپمۇ ئارتېرىيە قېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى بار ياشانغانلار تەرەت قىلغاندا بەك ئالدىراپ كېتىپ، نەپەسنى قىسىۋېلىپ، ئاسانلا قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بۇ ئۈچ كۆرسەتكۈچنى ياخشى كونترول قىلىڭ


ئادەتتە، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا :

① قان بېسىم ئۆلچىمى: قىسقىراش بېسىمى<120 mmHg، كېڭىيىش بېسىمى <80 mmHg («ئېلىمىز يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسى (2018-يىلى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى) »)

② قان شېكىرىنىڭ ئۆلچىمى:ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرى<6.1 mmol / L، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماقتىن كېيىنكى ئىككى سائەتلىك قان شېكىرى <7.8 mmol="" l="">(« ئېلىمىز 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۆرسەتمىسى (2017-يىل نەشرى) )》)

③ تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ئۆلچىمى:نورمال قىممىتى<3.4 mmol / L («ئېلىمىز قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قاندىكى ماي نورمالسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۆرسەتمىسى (2016-يىلى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى) »)

④ ترى گلىتسېرىد ئۆلچىمى:نورمال قىممىتى<1.7 mmol / L («ئېلىمىز قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قاندىكى ماي نورمالسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۆرسەتمىسى (2016-يىلى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»)

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش

«ئېلىمىز يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش كۆرسەتمىسى» دە، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ۋە سېمىز كىشىلەرنىڭ ئېغىرلىقى% 5 تىن%10 كىچە تۆۋەنلىسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ قان بېسىمىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تەكلىپ:BMI<24kg/m2، بەل ئايلانمىسى <90 / 85cm (ئەر / ئايال)


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 02:58 , Processed in 0.106814 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش