ئادەم بەدىنى خۇددى بىر نازۇك زاۋۇتقا ئوخشايدۇ، قاندىكى ماي (ئاساسلىقى خولېستېرىن ۋە ترى گلىتسېرىد) مۇ بۇ زاۋۇتنىڭ مۇھىم «مەھسۇلاتلىرى»نىڭ بىرى. نېمە ئۈچۈن بەدەندە قاندىكى ماي مىقدارى ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي:قاندا ماي بولمىسا، بەدەن ھەرىكەتلەنمەيدۇ. ئۇلار ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يەنە ھورمۇننىڭ بىرىكىشى، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلىق جەريانلارغا قاتنىشىدۇ. مەسىلە شۇكى، بەدەن «قاندىكى ماينى ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارى خالىغانچە تەڭشەلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلغان ياغ ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، جىگەر يەنىلا جان كۆيدۈرۈپ «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ»، مېتابولىزم ياغلىرىنى كۆپەيتىپ، قانغا يەنە بىر ئوت قوشىدۇ. بۇ «سۇيۇق-سەلەڭ تاماق يېيىش» ئارقىلىقلا قاندىكى ماينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، پەقەت جىگەرنىڭ مېتابولىزم پائالىيىتى مۇھىم ھالقا. جىگىرىمىزمۇ گېن، ھورمۇن، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بەزىدە «ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقى» پەيدا بولۇپ، قاندىكى ياغنى بارغانسېرى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. گېن ۋە مېتابولىزم پەردە ئارقىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەزى كىشىلەر تۇغۇلۇشىدىنلا «قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى» بەدەن ساپاسىغا تەۋە بولۇپ، ھەر قانچە سۇيۇق-سەلەڭ يېسىمۇ، جىگەر يەنىلا خولېستېرىن ۋە ترى گلىتسېرىد ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بۇ خۇددى بەزى كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ قانچە كۆپ يېسىمۇ سەمرىمىگەنلىكىدەكلا بىر ئىش. گەرچە گېننى ئۆزگەرتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش ئۇسۇلى ناھايىتى زور تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. ھەرىكەت ياغ مېتابولىزمىنى تېزلىتىپ، قاندىكى ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدۇ، دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، بېسىمنى ئازايتىش جىگەرنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى»نى ئاستىلىتىدۇ. قاندىكى ماينى كونترول قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر خىل دائىم سەل قارىلىدىغان ئەھۋال بولسا، بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئىنكاسى ناچارلاشقاندا، قاندىكى ماي مېتابولىزمىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ سېمىزلىك، دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كىشىلەردە ئالاھىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كۆپ ھاللاردا ئايرىم مەسىلە ئەمەس، بەلكى باشقا مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا، «مايسىز تاماق يېيىش»نىڭ قاندىكى ماي مىقدارىنى ئالدىنى ئېلىشتا زادى پايدىسى بارمۇ-يوق؟ يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش يەنىلا قاندىكى ماينى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ تويۇنغان ياغ ۋە تەتۈر تىپلىق ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك، بۇ «ناچار خولېستېرىن» (LDL)نى تۆۋەنلىتىشكە ئىنتايىن پايدىلىق. بەزى كىشىلەر تاماققا ماي قۇيمىسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كۆپ نەپىس ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى يەيدۇ، مەسىلەن، گۈرۈچ تامىقى، چۆپ، ھەتتا تاتلىق تۈرۈم قاتارلىقلار. بۇ يېمەكلىكلەر قارىماققا «مايسىز» كۆرۈنسىمۇ، لېكىن قان شېكىرىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ، ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مايسىز يېمەك-ئىچمەكتە تەڭپۇڭلۇققا دىققەت قىلىش كېرەك، «ماي يېمەسلىك» بىلەن «گۆش يېمەسلىك» ساغلاملىق بىلەن باراۋەر دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق كېرەك. يەنى ئاساسلىق تاماقنى يەنىلا يېيىش كېرەك، پەقەت قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان دانلىق زىرائەتلەرنىلا تاللىساق بولىدۇ، مەسىلەن، توپانلىق گۈرۈچ، سۇلۇ قاتارلىقلار. مۇھىمى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ، زىيادە كۆپ مىقداردىن يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنىڭ زىيىنى قاندىكى ياغ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، قان تومۇر دىۋارىغا ئاستا-ئاستا چۆكۈپ، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ داغلار يېرىلغان ھامان، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. قاندىكى ماي مىقدارىنى كونترول قىلىش ئەمەلىيەتتە يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا ئاساس سالىدۇ. قاندىكى ماينى باشقۇرۇش گەرچە كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلسىمۇ، لېكىن توغرا ئۇسۇلنى تاپسىلا ئۈنۈمى يەنىلا ناھايىتى روشەن بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەك پەقەت بۇنىڭ بىر قىسمى، سىز يەنە ھەرىكەت قىلىش، ئورۇقلاش، دەم ئېلىشنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاندىكى ماينى ئۇنىۋېرسال تەڭشىشىڭىز كېرەك. قاندىكى ماي مىقدارىنى قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈپ تۇرۇش، بالدۇر بايقاپ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا بىلەن داۋالانسىمۇ بولىدۇ. قاندىكى ماينىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە باشقۇرۇلۇشى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ مۇرەككەپ. ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، يەنە گېن، مېتابولىزم، تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئارقىسىغا يەنە قان تومۇر ساغلاملىقىدىكى چوڭ مەسىلە يوشۇرۇنغان.
|