لى بوۋاي بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرى چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كەلگەچكە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، كېسىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رادىياتسىيەلىك داۋالاش (بەش قېتىم)، ئوپېراتسىيە، خىمىيەلىك داۋالاش (ئالتە داۋالاش كۇرسى)، قايتا رادىياتسىيەلىك داۋالاش (30 قېتىم)نىڭ ئازابلىق جەريانىغا بەرداشلىق بەرگەن. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913373360822.jpg)
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، لى بوۋاي جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەسلىگە كېلىپ، قايتا تەكشۈرتكەندە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر نورمال چىققان. بۇ يىل لى بوۋاينىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ، دوختۇرلار بۇنى بىر مۆجىزە دەپ قارىغان، ئۇ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ بۇنداق جاپالىق داۋالاش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بەش يىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى لى بوۋايدىن تەجرىبە ئۆگەنمەكچى بولغاندا، لى بوۋاي كەمتەرلىك بىلەن: «مېنىڭ خىسلەتلىك تېۋىپىم يوق، پەقەت كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت، قىيىن ئىش يوق» دېگەن. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913374255444.jpg)
لى بوۋاي ئۆزىنىڭ راكقا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، كۈتۈنۈش گىمناستىكىسى ئويناش، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش، قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن ئىبارەت بەش نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. 1. قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش لى بوۋاينىڭ ئەزەلدىن بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرىدىغان ئادىتى بار بولۇپ، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ھەر كۈنى كەچ سائەت 10 دا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايتتى، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەدىنىدە ساغلام بولغان بىيولوگىيەلىك سائەتنى يېتىلدۈرگەن. لى بوۋاي ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىپ، بىر كېچە سۇسىز ھالەتتە تۇرغان بەدىنىگە نەملىك يەتكۈزىدۇ. چۈشتە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، 14:30 ئەتراپىدا 30 مىنۇت چۈشلۈك دەم ئىلىشنى ئادەت قىلىپ، چۈشتىن كېيىنكى كۈچ قۇۋۋىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 7-8 سائەت ئۇخلىشى كېرەك، لېكىن ھازىرقى ياشلار تۈنەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، سەھەر سائەت 2-3 لەردە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلايدۇ، سائەت يەتتىدىن ئاشقاندا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشقا چىقىدۇ، ئۇيقۇسى كەم ۋە تەرتىپسىز. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى يېتىپ كەلسىلا، چۈشكىچە ياكى چۈشتىن كېيىنگىچە ئۇخلايدۇ، مەشغۇلات ۋاقتى ناھايىتى قالايمىقان بولىدۇ، بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىمۇ نورمال بولمايدۇ. بۇ ناچار ئادەت ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقاندىن كېيىن كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش، تاقىرباش بولۇپ قېلىش، بالدۇر قېرىش، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر ئاسانلا كېسەللىكنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدىكى راك كېسەللىكى بىمارلىرىلا ئەمەس، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ قېنىپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېتەرلىك ئۇيقۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، چوڭ مېڭىنى ئاسراپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913380477828.jpg)
2. يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، راك كېسىلى «يېيىش»تىن پەيدا بولىدىكەن. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرى، لى بوۋاي تاماقنى خالىغانچە يەيتتى، ئۆزى يالغۇز ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقى مۇقىم ئەمەس ئىدى، دائىم ھورنان بىلەن چىلىغان سەينى بىر ۋاق تاماق قاتارىدا ھېسابلايتتى، توڭلاتقۇ ئېشىپ قالغان تاماقلار بىلەن توشۇپ كېتەتتى. راك كېسەللىكى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، دوختۇر لى بوۋايغا يېمەكلىك جەھەتتە ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، يېمەك- ئىچمەكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، تۇزلانغان يېمەكلىكلەر ۋە ئاشقان تاماقلارنى ئاز يېيىش تەكلىپىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن لى بوۋاي دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ھەر كۈنلۈك يېمەك-ئىچمىكى ئاقسىل (بېلىق، تۇخۇم، ئاق گۆش، پۇرچاق ياسالمىلىرى)، سۈت مەھسۇلاتلىرى (كالا سۈتى، قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى)، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر (سەۋزە، چېچەكسەي، بانان، ئالما)، دانلىق زىرائەتلەر (گاڭپەن، موما، چۆپ، تېرىق ئۇمىچى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماق ئېتىش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپرەك دۈملەپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلغان. ھەمدە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش، ئىلمىي ماسلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سالامەتلىكى ھەقىقەتەن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلگەن. راك كېسىلى بولغاندىن كېيىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە، نېمە يېيىش بىمارلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوپېراتسىيەگە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، خىمىيىلىك داۋالاش ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىلەر «كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقى» نى بىلسىمۇ، لېكىن ئاغزىنى باشقۇرالمايدۇ، خۇشال بولسا ھەممىنى يەيدۇ، بۇ كېسەللىك خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىمارلار ئاسانلا يېمەك-ئىچمەك خاتا قارىشىغا پېتىپ قېلىپ، ئوزۇقلۇق بەك كۆپ بولۇپ كېتىشتىن قورقۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئىلمىي تونۇشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913381146917.jpg)
3. كۈتۈنۈش گىمناستىكىسى ئويناش مۇۋاپىق ھەرىكەت راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ ناھايىتى پايدىلىق، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەرىكەت راك كېسىلى بىمارلىرىنى روشەن قوغداش رولىغا ئىگە ئىكەن. دوختۇر راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. لى بوۋاينىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا يىقىلىپ يارىلىنىش ياكى قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا دوختۇر لى بوۋايغا ئۆيدە ھەم ئاددىي، ھەم چېنىقىش ئۈنۈمى بولغان كۈتۈنۈش گىمناستىكىسى ئويناش تەكلىپىنى بەردى. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913382639740.jpg)
4. دائىم كۈلۈپ تۇرۇش «بىر كۈلسە ئون يىل ياشارتىدۇ؛ غەم ـ قايغۇغا پېتىپ قالسا قېرىپ كېتىدۇ» بۇ لى بوۋاينىڭ دائىم دەيدىغان بىر جۈملە سۆزى ئىدى. گەرچە 90 ياشقا يېقىنلاپ قالغاندا راك كېسىلى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولسىمۇ، لى بوۋاي ئەزەلدىن ئۆزىنى «ۋاقتىم ئاز قالدى» دەپ قارىمايتتى. ئۇ يەنە دائىم كېسەلخانىدىكى بىمارلارغا «تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئىشەنچ بولۇشى كېرەك» دەپ تەسەللى بېرەتتى. ئۆيگە قايتىپ دەم ئېلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، لى بوۋاي دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى پائال تەڭشىدى، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ھەتتا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن ياش بىمارلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى بولدى. ھەتتا لى بوۋاينىڭ مەسئۇل دوختۇرىمۇ ھەيران قېلىپ: «بۇنداق ئۈمىدۋار بوۋاينى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىمىز» دېدى. مانا بۇ لى بوۋاينىڭ راكقا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەرلىرىنىڭ بىرى: ئۈمىدۋار بولۇش روھى. روھىي ھالەت راك كېسىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، ھازىر داۋالاش سەۋىيەسى خېلىلا ئۆستى، راك كېسىلىمۇ قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئەمەس. راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۈزۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتالايمىز. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خۇشال يۈرەك ھاسىل قىلغان يۈرەك ھورمۇنى %95 راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن. ئادەم بىر خىل خۇشاللىق، مىننەتدار بولۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كۈچىيىپ، بەدەندىكى مۇھىم خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىدىكەن. ![](https://fcdn.nur.cn/uploadfile/2020/0709/2020070913383242577.jpg)
5. قەرەللىك قايتا تەكشۈرتۈش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، لى بوۋاي قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاش ئارقىلىق سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كەلدى. ئەمما لى بوۋاي بۇنىڭغا سەل قارىمىدى. دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، دوختۇر لى بوۋايغا قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، قايتا-قايتا تاپىلىدى. لى بوۋايمۇ شۇنداق قىلدى، بەختكە يارىشا ھەر قېتىملىق قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، لى بوۋاينىڭ سالامەتلىكى ئاستا-ئاستا نورمال ھالەتكە قايتتى. لېكىن، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇنداق تەلەيلىك بولۇشى ناتايىن. بەزى دەسلەپكى راك كېسەللىكى بىمارلىرىدا ياشاش ئۈمىدى ناھايىتى زور بولسىمۇ، ئەمما قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرمىغاچقا، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ۋاقتىدا بايقاپ، مۇۋاپىق داۋالاش ئېلىپ بارالماي، ئەڭ ئاخىرىدا ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتىكى سەۋەب شۇكى، راك ھۈجەيرىلىرى ھەر ۋاقىت قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، رادىياتسىيەلىك داۋالاش، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە نىشانلىق داۋالاشلارنىڭ ھېچقايسىسى راك ھۈجەيرىلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتالمايدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ياكى داۋالاش توختىغاندىن كېيىن، راك ھۈجەيرىلىرى يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇڭا قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر. ئەگەر راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىش ئالامەتلىرىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولسا، بالدۇر داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قىسقىسى، بەدەن بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشايدۇ، بۇ دەرەخنى ساغلام ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى بىلەن پەرۋىش قىلىش كېرەك. راك كېسىلىنى داۋالاشتىمۇ شۇنداق، بۇ دەرەخ ئاغرىپ قالسا، بىز قوللىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۇ دەرەخنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بۇ دەرەخنىڭ ھالىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. لى بوۋاي بۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزارتتى ھەم مۆجىزە ياراتتى! بۈگۈنكى كۈندە، راك كېسىلى بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندى، بىزنىڭ راك كېسىلى بىلەن بولغان قارشىلىشىش جەريانىمىزمۇ ئۇزاققا سوزۇلدى، شۇڭا چوقۇم ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، لى بوۋاينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇلىنى سىز بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولدۇم، بۇنىڭ سىزگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ھەممىمىز تەن ساغلاملىقىمىزنى ياخشى ئاسرايلى!
|