Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1720|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاماق يېمەي ئورۇقلاشنىڭ بەدەنگە قانداق زىيىنى بار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

بىر ھەپتىنىڭ ئىككى كۈنىدە تاماق يىمەي، قالغان بەش كۈنىدە خالىغانچە يېسە بولامدۇ؟

ئارىلاپ تاماق يېمەسلىك - ئۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بەش كۈن نورمال تاماق يېيىش، قالغان ئىككى كۈندە ئادەتتە تۆتتىن بىر قىسىم ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىدىغان (ئاياللار كۈنىگە تەخمىنەن 500كىلوكالورىيە، ئەرلەر كۈنىگە تەخمىنەن 600كىلوكالورىيە) يېمەك-ئىچمەك ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ۋە مېتابولىزمنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.

يېمەكلىكنى يېنىك دەرىجىدە ئۈزۈپ قويغان ئىككى كۈندە، يەيدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارىغا چەك قويۇپ، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيەنى ئادەتتىكىنىڭ تۆتتىن بىرى بويىچە كونترول قىلىش كېرەك. كۈندە خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى يېيىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىش، تاماق ئەتكەندە ئامال بار ھوردا ۋە سۇدا پىشۇرۇش، ئارىلاشتۇرۇپ يېيىش ياكى خامراق يېيىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئىمكانقەدەر تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك تەم تەڭشىگۈچ (مەسىلەن، لىمون ئاچچىقسۈيى، تۇز، ئاز مىقداردىكى زەيتۇن مېيى) بىلەن تەم تەڭشەش كېرەك. سىرتتا تاماق يىگەندە، يېڭى، مايدا پىشۇرۇلمىغان ھەم تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاش، تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك، ئاق ئاشلىق بولكىسى، پېچىنە، ياڭيۇ ياپراقچىسى قاتارلىق ئېنېرگىيەسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا بەش كۈندىمۇ خالىغانچە يېمەسلىك، ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، يېتەرلىك ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالاسى، مۇۋاپىق مىقداردا ماي ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. «تولۇقلىما خاراكتېرلىك تاماق يېيىش»تىن ھۇشيار بولۇش،ئاچ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، تولۇقلاپ تاماق يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تاماق يېمەسلىكنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تۇنجى قېتىم تاماق ئۈزۈلۈپ قېلىش كۈنىنى ھېس قىلغان ئورۇقلىغۇچىلاردا «ئاچلىق تۇيغۇسى» پەيدا بولىدۇ، بۇنى بەزى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، تويۇش كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ( كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ياڭيۇ، سۇلۇ قاتارلىقلار) نى تاللاش، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، بىر ۋاخ تاماقنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا يىيىش، تاماق يېيىش تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋۋال كۆكتات، ئاندىن ئورۇق گۆش، ئەڭ ئاخىرىدا ئاز مىقداردا ئاساسلىق تاماق يېيىش كېرەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-5 23:55 , Processed in 0.116818 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش