Discuz! Board

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 5590|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆز ئەڭ قورقىدىغان تۆت ئادەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

86

يازما

326

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
326

نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار 40 ياشتىن كېيىن ناھايىتى روھلۇق، سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما كۆز ئىقتىدارىنىڭ ئىلگىرىكىدەك ياخشى بولماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر يان تېلېفون ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىر قارىسا نەچچە سائەتلەپ قاراپ ئولتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۆزىنىڭ قۇرغاقلىشىپ ھەتتا چىڭقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يەنە، كىتاب، گېزىت ئوقۇغاندا، كۆزەينەك تاقىمىسا كۆزى ئاسانلا چارچاپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ زادى نېمە سەۋەبتىن؟ نوقۇل ھالدىكى چارچاشتىنمۇ ياكى »كۆز تورلىشىش«تىنمۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ كۆزىڭىز ھەر ۋاقىت زەخمىلىنىپ تۇرغان ھەمدە ئاللىقاچان كۆز چارچاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتە، كۆز ئەڭ قورقىدىغان زەخمىدىن تۆتى بار. بىرىنچى، ناچار بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى. مۇھىت يورۇقلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، ئۇزاق مەزگىل يېقىن ئارىلىقتا بىر نەرسە كۆرۈش، ئېلېكترونلۇق ئېكرانغا يېقىن ئارىلىقتا تىكىلىپ قاراش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ چوڭ ناچار بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ تېلېۋىزور، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئېكرانلار تارقاتقان كۆك نۇرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.

ئىككىنچى، كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچىغاندا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چارچىشى كۆزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا كىشىلەر بۇنىڭغا سەل قارايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كۆزى چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆزىنى ئارام ئالدۇرماي، ئورگانىزملارنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋە ئۆزىنى تەڭشەيدىغان ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىغا سەل قاراش. ئۇلترا بىنەپشە نۇر قۇياش نۇرىدا بولىدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ بولىدۇ، گەرچە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەينەكتىن ئۆتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنى كىشىلەر تېخى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆز تېرىگە قارىغاندا تېخىمۇ نازۇك بولىدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر مۈڭگۈز پەردە، كرىستال تەنچە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، نۇرغۇن كۆز مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

تۆتىنچى، قان تومۇرلارنىڭ تەبىئىي قېرىشى. قان تومۇرلار خۇددى شەھەرنىڭ تۇرۇبا يولى سىستېمىسىغا ئوخشاش، قان قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى توشۇپ، پۈتۈن بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، تۇرۇبا يولى ئاسان كونىرايدۇ. بۇ خىل قېرىش ئەڭ كىچىك قىل قان تومۇرلاردىن باشلىنىدۇ. كۆز نازۇك ئەزالارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدىكى قىل قان تومۇرلار ۋە كىچىك قان تومۇرلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا، قان تومۇرلارنىڭ تەبىئىي قېرىشى بىۋاستە ھالدا ئۈنۈملۈك قان ئېقىمى يېتەرلىك بولماي، كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئاسانلا چارچىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2025-2-6 03:11 , Processed in 0.117419 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X3.3(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش