ھازىرغىچە دىيابېت كېسىلىنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئۇسۇللىرى كەمچىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنىشنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
(1) دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنى نۇرغۇن دىيابېت كېسىلى بولمىغان كىشىلەرنى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار قىلماسلىق.
(2) دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش، يەنى دىيابېت كېسىلى بولغان كىشىلەرنى بالدۇر بايقاپ، ئۇلارنى ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن ساقلاش.
(3) دىيابېت كېسىلىنىڭ مېيىپ بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، يەنى دىيابېت كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكىنى ياخشى داۋالاپ، دىيابېت كېسىلى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى ياخشى داۋالاپ، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىرسىيەت ئامىلى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى كەمتۈكلۈكتىن ئىبارەت. ئىرسىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ھازىرغىچە ئامال يوق. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى، داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بىر ياخشى ئىش ھەم بىزنىڭ كۆزلەيدىغان مەقسىتىمىز. شۇڭا، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىككى تۈرلۈك ئىشنى ياخشى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە تەشۋىقات تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئامال بار دىيابېت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەربىر ئائىلە كىشىلىرىدىن باشلاش، بۇ ئارقىلىق دىيابېت كېسىلى بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، سېمىزلىكتىن ساقلىنىش، ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، ئىدىيەسى ساغلام بولۇش قاتارلىقلار.
تېمىغا قارىتا كۆز قارىشىڭىز بولسا ئاستىدا ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى بار، كۆز قارىشىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!!!