1. زىغىر 90 گىرام، قەردىمانە 30 گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەتتە گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2. سامساقتىن 50 گىرام، ئالقاتتىن 50 گىرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاق چوڭلۇقىدا كومىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3. خەشخاش 150 گىرام، رۇببىسسۇس، تاتلىق بادام مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 15 گىرامدىن، شېكەر 280 گىرام. تەييارلاش ئۇسۇلى خەشخاشتىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، خەشخاشنى بىر سوتكا سۇغا چىلاپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈيىدە شېكەرنى قىيام قىلىپ، ئۈستىگە تالقانلانغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.