1. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر پارچە ئاپېلسىن پوستىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا شوراشنى ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، خورەك تارتىش ۋە چىش غۇچۇرلىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئىسپىرت ياكى يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى پاختا بىلەن قۇلاق ئىچىگە سۈرۈپ قويسىلا قۇلاق قىچىشىشنى توختىتىدۇ.
3. بەرەڭگىنى نېپىز توغراپ يېنىكرەك جاراھەتلەنگەن جايغا چاپلاپ بەرسە جاراھەت ساقىيىدۇ، جاراھەت ئېغىر بولسا بىرنەچچە قېتىم ئارتۇق چاپلاپ بەرسىلا ساقىيىپ كېتىدۇ.
4. قىش كۈنلىرى بەلغەمسىز قۇرۇق يۆتەل بولغانلار سېرىق ئەمەن (蒿黄) بىلەن تۇخۇمنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغىدا پىشۇرۇپ ئىسسىقىدا يەپ ئۇخلاپ تەرلىسە ئەتىسى ساقىيىپ قالىدۇ.
5. كۈندە كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا يۈزنى پاكىز يۇيۇپ، يېڭى تەرخەمەك شىرنىسىدىن 25 گىرامنى بىر تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرۈپ، ئەتىسى ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ يېرىم ئايدىن بىرەر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، بوشاپ كەتكەن تېرىلەر چىڭىپ، قورۇقلار كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ.
6. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر: (1) 30 گىرام بانان پوستىنى قۇرۇتۇپ، قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بىر ئاي ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. (2) كۈندە 15 گىرام لوپنۇر كەندىرىنى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە ياكى كۈندە 15 گىرام ئاق شاكال يوپۇرمىقى (叶杏银)نى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە يېرىم ئايدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. (3) كۆممىقوناق پۆپۈكىنى چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. تۆۋەن قان بېسىمى بار كىشىلەر چۈچۈكبۇيا (草甘)دىن 20 گىرام، قوۋزاقدارچىن (皮桂)دىن 40 گىرام ۋە دارچىن (桂肉)دىن 40 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
8. قان قويۇق ۋە قاندا ماي ماددىسى ئارتىپ كەتكەن كىشىلەر: (1) ئالقات (杞枸) تىن ئون گىرام، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت (乌首何)، سانا (明决草)، دولانا (楂山) نىڭ ھەرقايسىسىدىن 15 گىرام، چۆل يالپۇزى (参丹) دىن 20 گىرامنى سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن تۆت باسقۇچ (بىر ئاي) ئىچىپ بەرسە ساقىيىپ كېتىدۇ. (2) دولانا (楂山)، ئاق شاكال يوپۇرمىقى (叶杏银)، قامچىئوت (蓝股绞) لارنىڭ ھەرقايسىسىدىن 15 گىرامدىن ئارىلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىككى ئايدا ساقىيىپ كېتىدۇ.
9. 50 گىرام كۈدە يىلتىزىنى يانچىپ، سۈيىنى چىقارغاندىن كېيىن ئازراق بورنېئول (片冰) قوشۇپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا ئالاھىدە شىپا قىلىدۇ.
10. رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بار كىشىلەر 100 گىرام مۇچنى ئىككى جىڭ ئاق ھاراققا يەتتە كۈن چىلىغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا كۈندە ئۈچ قېتىمدىن سۈرۈپ بەرسە، يېرىم ئايدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەييارلىغان